شىنجاڭدا يەنە يېڭىدىن بىر ئايرودۇرۇم كۆپەيتىلىدۇ، بۇ ئايرودۇرۇم سانجى ئوبلاستىنىڭ بۇ يېرىگە جايلاشقان

日期:2023年09月14日
来源:天山网
【字体:

 9- ئاينىڭ 2- كۈنى، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى رەسمىي يوسۇندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قۇرۇش تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پات ئارىدا يېڭى باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمىغا شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جەنۇبىدىن ئورۇن تاللاندى، بازا بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى تەخمىنەن 19 كىلومېتىر، تاشيول ئارىلىقى تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئايرودۇرۇمنىڭ خاراكتېرى A1 دەرىجىلىك بولۇپ، ئاساسلىقى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا رايونلارنىڭ ئۇچۇش مەشىقى قىلىش، قىسقا مۇساپىلىك توشۇش، ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەشغۇلاتى، جىددىي ئەھۋالدا قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئايروپىلاننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەمدە قۇرۇلۇۋاتقان گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى بىلەن «تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى- ھەممىباب ئايرودۇرۇم» رايون ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى تورىنى بەرپا قىلىدۇ.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودرومىنىڭ ئۈنۈم رەسىمى.

  بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ 2030- يىلى تاماملىنىشى، ئايرودۇرۇمنىڭ يىللىق ئۇچۇش- قونۇش مىقدارىنىڭ 12 مىڭ 400 ئايروپىلان (قېتىم)غا، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 16 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. ئايرودۇرۇمنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىكتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: 1700 مېتىر × 30 مېتىرلىق ئۇچۇش- قونۇش يولىدىن بىرى، تىك ئالاقە يولىدىن بىرى، (8B2 تۈز) ئايروپىلان ئورنىنىڭ ئايروپىلان سۇپىسىدىن ئونى، 2000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە پونكىتى- ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال بىناسى ۋە مۇنار سۇپىسىدىن بىرى، شۇنداقلا سۇ چىقىرىش، ئوت ئۆچۈرۈش، توك بىلەن تەمىنلەش، خەۋەرلىشىش، ماي بىلەن تەمىنلەش، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدۇ.

  شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ سىرتقا قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، جىددىي ئەھۋالدا قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.