گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

− شىنجاڭنىڭ تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر شىن زۇشۈەن

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تەشكىلات سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 -، 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەش

بۇ يىل «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى بەس - بەستە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاشقا تەشكىللەپ، كۆپچىلىكنى مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر مۇتلەق سادىق، مۇتلەق ساپ، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

نەزەرىيە ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ئىدىيە بۇرچنى يېتەكلەيدۇ. نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى قانات يايدۇردى، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلىدى، مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى... پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى.

«ئىدىيەنى ئۆگىنىش»نى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە مەمۇرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مەركىزىي مەزمۇنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قەتئىي بوشاشماي ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشكە تەشكىللىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، 19 - قۇرۇلتىيى، 20 - قۇرۇلتىيى روھى بويىچە مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىدىن «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگىچە، يەنە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە ھازىر قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر بولغان سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش ۋە روھىي جەھەتتىن چېنىقىشنى باشتىن كەچۈردى.

پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ھەربىر قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەدە پارتىيەۋىلىكنى ساپلاشتۇردى، ئىدىيەنى ساپلاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى روشەنلەشتۈردى.

ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش

ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى ئادەم ئىشلىتىشكە باغلىق. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى باشتىن - ئاخىر كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ساپانى ئۆستۈرۈش، ئاقىل ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش، قاتتىق نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلدى.

باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق بىرىنچى سەپتە كادىرلارنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى دائىملىق خىزمەتكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن - ئاخىر سادىق، ساپ، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاپ، كادىرلارنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاپ ئىشقا قويدى. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ئىش ئورۇنلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشىنى تاماملىدى؛ ياش كادىرلارنى تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش بويىچە پۈتۈن زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياش كادىرلارنى رايون، تارماق، ساھە ھالقىپ ئالماشتۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قانات يايدۇردى؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارغا تولۇق ئىشەندى، ئۇلارنى قەتئىي ئىتتىپاقلاشتۇردى، يۈرەكلىك تاللاپ ئۆستۈردى، دادىل ئىشلەتتى...

ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغۋار ئىش يۇقىرى ساپالىق كادىرلارغا ئېھتىياجلىق. كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» «ياش كادىرلارنىڭ غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت تەربىيەسى» «ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كادىرلارنى مەركەز ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر قاتارلىقلارغا پىلانلىق ھالدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئىدىيەسىنى يېڭىلىشى، كەسپىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتى. «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھازىرقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان رەھبىرىي كادىرلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ھوقۇقنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بەردى. كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرى، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش - تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتتى.

ئاساسنى كۈچەيتىپ، ئۇلنى پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە - ئامما مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش يىغىنى ئېچىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئىگىلەپ، بىر - بىرلەپ تۈر تۇرغۇزدى. مەھەللىدىكى مىڭغا يېقىن پىدائىينى 12 مۇلازىمەت ئەترىتىگە بۆلۈپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرگە كۆپ خىل مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا، پائالىيەتكە قىزغىن قاتناشقان ئاھالىلەرنى جۇغلانما نومۇر بىلەن مۇكاپاتلىدى. مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئاھالىلەر، تىجارەتچىلەرنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئاشتى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش كۆپچىلىكنى بىر يەرگە جەم قىلدى».

ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ. پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم كۈچ تىرىكى ئاساسىي قاتلامدا. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتى سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى «8 + 1» خىزمەت سىستېمىسىنى سىستېمىلىق بەرپا قىلىپ، تەشكىلىي سىستېما، ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چېڭىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ساھە، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش − «بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن باھالاش سىستېمىسىىنى ئون ساھەگە بۆلۈپ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالتە تەرەپ بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا باسىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش − «بەشنى كۈچەيتىش، بەشنى ئۆستۈرۈش» بويىچە تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرىغا ئەلالىرىنى تاللاش، كۈچلۈكلەرنى سەپلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىي 600 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنى كۈچ ئۇلاپ كەنتتە تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، كۈچلۈك تەشكىلات قۇرۇش، قوشۇننى تەربىيەلەش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بەردى؛ كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىك بويىچە «پۇچەك كەنت»لەرنى ئومۇميۈزلۈك نۆللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە، قانۇن، خەلققە قولاي ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تۆۋەنگە چۈشۈردى... يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇش − يېزا - بازار (كوچا باشقارمىلىرى)لارنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر»نى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى «تۆت بىر گەۋدە» ماسلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى» بەرپا قىلدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى كەسپىي سىستېما قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىدىن 72 مىڭ ئادەم قېتىمنى ھەمتۈرتكە بولۇپ تەربىيەلىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت كارخانىلىرى، مەكتەپلەر، ئىككى يېڭى تەشكىلاتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈپ، ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان. «ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى نامايان قىلىش، ئۈچتە بەسلىشىش»تە تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ھەرىكىتى ئاپتونوم رايون بويىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بەرپا قىلىندى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ جېڭى، چوڭ سىنىقى ئالدىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى، جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى.

ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش

10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىش، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى قوزغىتىپ يولغا قويۇش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش... ئاپتونوم رايون ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتا قوللانغان ئىختىساسلىقلارغا دائىر بىر قاتار مۇھىم يېڭى سىياسەتلەر شىنجاڭنىڭ ئاقىللارغا تەشنا بولۇش، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاشتىكى سەمىمىيىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

نەتىجە ئىختىساسلىقلار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئىش ئىختىساسلىقلار بىلەن راۋاج تاپىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويۇپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە ئەندىزە خاراكتېرلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنى ياراتتى −

خىزمەت ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر بىرىنچى بايلىقنى تۇتۇش» خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى يېتىشتۈردى، كىرگۈزدى، «قوش ئالدىنقى قاتار»دىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى بەرپا قىلدى، چەت ئەلدىن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزدى.

«5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈر سىستېمىسىنى تەسىس قىلىپ، «تىيانشان تالانتلىقلىرى» تەربىيەلەش پىلانى ۋە «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» كىرگۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ كەسىپ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى قوللاش پىلانى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپىنى قوللاش پىلانى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش پىلانى، نۇقتىلىق باغچە رايونلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، كېڭەيتىش ئىختىساسلىقلىرى پىلانىدىن ئىبارەت بەش مەخسۇس پىلاننى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنى يىلتىز تارتىپ ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى.

تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاپپارات تەسىس قىلىش، ئىشتات ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە 27 تۈرلۈك ھوقۇق بېرىش تىزىملىكىنى تۈزدى؛ ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ساھەدىكى ئىختىساسلىقلارنى تۈرگە ئايرىپ باھالىدى؛ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى مەردانىلىك بىلەن بىلىم قىممىتى ئارقىلىق مول جاۋابقا ئېرىشىشكە كۆپ مەنبەلىك رىغبەتلەندۈردى... تۆت جەھەتتىكى 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ روشەن پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈردى.

ياڭراق ناخشا چېگرا رايونغا بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى ئۇرغۇتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىر، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى جاسارەت بىلەن پۈتتى.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەشكىلات سىستېمىسى ئاساسىي تەكتىنى ئېنىقلاش، ئاساسىي سىياسەتنى ئىگىلەش، ئاساسىي قانۇنىيەتنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت«ئۈچ ئاساسىي» خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى سەپتە خىزمەتلەرنى پىلانلاش، بىرىنچى سەپتە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، بىرىنچى سەپتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئادىللىقنى ياقلايدىغان، كەسىپتە پىشقان، ئىستىلى ياخشى نەمۇنىلىك تارماقنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ۋەزىپىنى تاماملاش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەشكىلات سىستېمىسى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.