ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بۇغداينىڭ سۈپىتى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ ياخشى بولدى

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

1 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بۇغداي %75نى ئىگىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بۇغداي ئىچىدە 1 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %75، 3 - دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بۇغداينىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %99.2 بولغان، تۈرلۈك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچى بويىچە تەكشۈرۈش قىممىتى بىردەك دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇمىي سۈپىتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى ئامباردا بىخەتەر ساقلاش ۋە پەن - تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۈ يۇڭجېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىللىق يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىغا ئاساسەن، ئەۋرىشكە ئېلىش رايونى ۋە سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى يىغىۋېلىنغان بۇغداينىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق كۆلەملەشكەن ئاشلىق تېرىش سۇبيېكتلىرىنى تاللاپ، ئەۋرىشكە يىغىش ۋە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئەۋرىشكىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە چىنلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە ھەجىم ئېغىرلىقى ھەر لىتىرىنىڭ 802 گىرام، مۇكەممەل بولمىغان داننىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %2.8 بولۇپ، 1 - دەرىجىلىك بۇغداينىڭ نىسبىتى ۋە مۇكەممەل بولمىغان دان %6تىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولغان بۇغداينىڭ نىسبىتى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نىڭ ماددىي ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن پۇختىلاپ، پەن - تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنى ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى قىلىپ، مەۋقەنى ھازىرقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېرىقچىلىق باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، سورتلۇق ئۇرۇق، ياخشى ئۇسۇل، مۇنبەت ئېتىز، ياخشى پۇرسەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سۈپەت ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاشلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئامباردا ساقلاش قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېشىل ئاشلىق ساقلاش ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ھەرقايسى جايلار زامانىۋى ئامباردا ساقلاش - باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، قوللىنىپ، ئامباردا ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئامبىرىدا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال زىيانغا ئۇچراش، خوراش نىسبىتى %0.43كە تۆۋەنلىدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زاپاس ئاشلىقنى ساقلاشقا ماس كېلىش نىسبىتى %100كە يەتتى.