مىڭ يىللىق ئۆتەڭ كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىپ خەلقئارالاشقان شەھەرگە ئايلاندى

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن، گو لىڭ

مىڭ يىللىق ئۆتەڭ، يۈز يىللىق پورت، قەد كۆتۈرۈۋاتقان خەلقئارالاشقان شەھەر − قورغاس ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىساد بۆلىكىدىكى مەركىزى ئورۇنغا جايلاشقان، جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بېرىشتىكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى ئاۋاتلىققا گۇۋاھ بولدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، قورغاس يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»تىن تولۇق پايدىلىنىپ، رايون ئورنى، سىياسەت، ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.

ياش شەھەر يىپەك يولى ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتتى

ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ قورغاس شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، ئېگىز بىنالار زىچ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇزۇن يەلكىلىك مۇنارسىمان كىرانلار پات - پات ئۇچراپ تۇراتتى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلار ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى... زامانىۋى تۈس ھەممىلا يەردە ئوقچۇپ تۇراتتى.

سائەت 16دە، شەھەر مەركىزىدىكى بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۇزاققىچە ياڭرىغان قوڭغۇراق ئاۋازى بۇ زامانىۋى شەھەردە ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىپ، ئاجايىپ «يول ئېچىش سەپىرى»نى باشلاپ، شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمىي يىپەك يولىنى ئاچقان، قورغاس ئۇنىڭدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىڭ يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، شان - شەرەپكە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندى.

قورغاس شەھىرى قازاقىستان بىلەن دەريا ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، دۆلەت يولى 312 - لىنىيەسى، ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، لۇڭخەي − لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى خەلقئارا يېڭى يولىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2014 - يىلى قورغاس شەھىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان بولۇپ، چېگرا رايون، پورت شەھىرى، سودا تىپى، خەلقئارالىشىش ئالاھىدىلىكى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال شەھەر.

ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى قەدىمىي بولسىمۇ، قورغاس ياش ھەم جۇشقۇن. 2022 - يىلى قورغاس رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 20 مىليارد 835 مىليون يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، 2013 - يىلىدىكىنىڭ 15.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قورغاس شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى پى لۈپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق كۆپ رايون گىرەلەشمە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مۇھىم تايانچ نۇقتىسى «ئالتۇن يول»غا تىرەك بولدى

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قازاقىستاننىڭ كۆكشوتاندىن كەلگەن، لىق مال بېسىلغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتىغا يېتىپ كەلدى، جېڭجوۋ پۇتيەن ۋوگزالىغا بارىدۇ، بۇ پويىز، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن 1242 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.

2016 - يىلى 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۆتتى، يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قېتىم سانى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەندى. 2022 - يىلى قورغاس پورتى ئارقىلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 40 مىليون 34 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2013 - يىلىدىكىنىڭ 1.76 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىزنىڭ سانى جەمئىي 30 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان لىنىيە جەمئىي 77گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتتى.

ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى(G30)نى بويلاپ ئاپتوموبىل بىلەن غەربكە قاراپ ماڭغاندا، يول بويى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «قوش غەرب تاشيولى» پۈتۈن لىنىيە بويىچە بىۋاسىتە ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ليەنيۈنگاڭدىن ياۋروپاغا بېرىشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئىلگىرىكى دېڭىز تىرانسپورتىدىكى 45 كۈندىن 10 كۈنگە قىسقاردى، شۇنداقلا نۇرغۇن سودىگەرنىڭ مال توشۇشتىكى ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.

قورغاس پورتى تاشيول، تۆمۈريول، تۇرۇبا يولى، ئاۋىياتسىيە، نۇركابېل، پوچتا يوللانمىسىدىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» قاتناش تۈگۈنى ۋە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كۆپ ئىقتىدارلىق پورت.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس پورت ئەۋزەللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پورتنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆمۈريول پورتىنىڭ يىغىش، تارقىتىش، توشۇش ۋە تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن باشلاپ، پورتتا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە تەۋەلىكتىكى سودا ئۈچۈن تېز يول تەسىس قىلىندى ھەم باشقا ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئېلېكتىرونلۇق ئالدىن كېلىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇش يولغا قويۇلدى.

«ئىچكى - تاشقى ئايلىنىشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قورغاس يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىم ھالقىلىق رول ئوينايدۇ» دېدى پى لۈپىڭ.

مىڭ يىللىق قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، بۈگۈنكى كۈندىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولغان قورغاس دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى «ئالتۇن يول»غا ئايلاندى.

ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى

جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى ياۋروپا باج كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمىزدە، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۆتەلمەي قالدۇق، بەزىلەر چوڭ - كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان، بەزىلەر مالنى پىلاستىر بىلەن قاتمۇقات ئوراۋاتقان ئىدى... ھېچكىممۇ قۇرۇق قايتمىغانىدى.

ئىككى چاسا داڭقان شەكلىدىكى چېگرا تۈۋرۈكى ئۇدۇلدىكى قازاقىستاننىڭ ئالتۇن بۈركۈت ھەيكىلى بىلەن قارىشىپ تۇراتتى، چاسا داڭقان دەرۋازىسى بىلەن ئالتۇن بۈركۈت ھەيكىلى تۇتاشقان جاي جۇڭگو - قازاقىستان تۇتاشما يولى بولۇپ، يول يۈزى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل رەڭدە سىرلانغان، بىر قەدەم بىلەنلا دۆلەت دەرۋازىسىدىن «ئاتلاپ» چىققىلى بولىدۇ.

ئىككىلا تەرەپتە دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن قۇرغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2012 - يىلى 4 - ئايدا تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي يولغا قويغان بولۇپ، ئاساسلىق فۇنكسىيەسى سودا يەرمەنكىسى، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش، ئامباردا ساقلاش - توشۇش، مېھمانخانا - مېھمانساراي، سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا ئىقتىساد - سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

ھەمكارلىق مەركىزىدە، سەيلە - ساياھەت ئاپتوموبىللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ جايدا جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە 3 - دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا 30 كۈن ۋىزىسىز چېگرا ھالقىپ ئەركىن كىرىپ - چىقىش، ئۆزگىچە چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىشنى ھېس قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان.

«ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، سودىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.» شىنجاڭ ئوۋخۇاشىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ياۋروپا باجنى كەچۈرۈم قىلىش شەھەرچىسىدىكى باش دىرېكتورى خۇ چۇنمېي مۇنداق دېدى: مەن ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق توشۇپ كېلىنگەن.

يەنە بىر تەرەپتىكى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ۋە نومۇر تاختىسى يوق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ تاۋار ئاپتوموبىللار ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ يانداش رايونىنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئۆستۈرۈلۈپ، «يانداش رايون + ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون + تەرەققىيات رايونى»دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام گىرەلەشمە سىياسەتتىن بەھرىمەن بولدى، ئاساسلىق فۇنكسىيەسى باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي مۇلازىمەت قاتارلىقلار بولۇپ، ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونى بىلەن «ئالدى دۇكان، كەينى زاۋۇت» «ئالدى دۇكان، كەينى ئامبار» بولۇشتىن ئىبارەت ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ يىل، قورغاس يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى، دۆلەت دەرۋازىسى يېرىم مۇساپىلىك مارافون مۇسابىقىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا نوركا - خۇرۇم كۆرگەزمىسى، خەلقئارا بوكس شاھى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو - قازاقىستان تاراتقۇلىرى سالونى قاتارلىق 100 مەيداندىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق بارغانسېرى زىچلاشتى، كەلگۈسىدە بۇ تۇپراق جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىدۇ.