ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2023 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2023 - يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا «يېتەكچى شاھمات ئۇرۇقى»نى بېسىپ بەردى، مېتودولوگىيە ئۆگەتتى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى تەجرىبىسىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى مەنزىل ئېچىپ بەردى، بۇ، چوڭقۇر دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ۋە مۇھىم، زور خەلقئارا تەسىرگە ئىگە. پارتىيەنى باشقۇرۇشتا تەدبىرلىك بولغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كۈچلۈك بولغان، پارتىيە قۇرۇشتا ئۈنۈملۈك بولغان بۇ ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورالنى تىرىشىپ ياخشى ئىگىلەپ، تۈرمۇتۈر كونكرېت سىياسەت، ۋەزىپە، تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن چېنىقىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.