«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» شىنجاڭدا تارقىتىلدى

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى خەۋەر قىلىدۇ: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى تۈزۈشكە تەشكىللىگەن، ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلغان «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا چۈشىنىشى ۋە سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ كىتابنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش مەخسۇس كۆزنىكىدىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنغا تىزىلغانلىقىنى، پات - پات ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاراقلاپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى، مەسلىھەت سوراۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«نەزەرىيە قىزىق نۇقتىلىرىنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» يۈرۈشلۈك ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقلىرى تەركىبىدىكى ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» ناملىق كىتابتا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى زىچ چۆرىدىلىپ، 17 مۇھىم، زور مەسىلىگە مەركەزلىك جاۋاب بېرىلگەن ۋە چۈشەنچە بېرىلگەن.

«بۇ كىتابتا سۈرەت بىلەن يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن، مىساللار جانلىق بولۇپ، كىتابتا ئالاقىدار ئۇلانما، چوڭقۇرلاپ ئوقۇش، ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسى، بىلىم مۇھىم نۇقتىسى، تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، توردا سوئال سوراش - جاۋاب بېرىش قاتارلىق بۆلەك - سەھىپىلەر كىرىشتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، يەنە كارتون مىكرو سىن فىلىمى ۋە ئۈن ئاۋاز نۇسخىسى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ سەپلىنىپتۇ، بىلىم خاراكتېرى، جەلپكارلىقى، ھەمتۈرتكە خاراكتېرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن.» ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا كەلگەن خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۈەن ئالايىتەن كىتابخانىغا بېرىپ بۇ كىتابنى سېتىۋالدى.

«دۇنيا بويىچە قۇملۇقنى ئايلىنىدىغان تۇنجى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى بولغان خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى» دېگەن مەزمۇنغا ئالاقىدار سۈرەت ۋە يېزىقلارنى كۆرۈپ، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى غەربىي پويىز ئۇچاستىكىسىنىڭ پويىز تەكشۈرگۈچىلىرى ۋاڭ شىنكې بىلەن خەن پېڭجى پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ شىنكې مۇنداق دېدى: تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. يېڭى دەۋردىكى ياشلار پائال ئۆگىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

«<جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش> تارقىتىلىش بىلەنلا، نۇرغۇن ئورۇن، تەشكىلات، كوللېكتىپ ھەم كىتاب شەھەرچىسىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىدى، ئالدىن زاكاز قىلدى» دېدى شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لۇەن ۋېي مۇخبىرغا.

مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان جىشىن كىتاب شەھەرچىسىگە كىرگەندە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىر ئۆمىكى)نىڭ ياش ئارتىسى ۋاڭ تىڭنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش»تىكى «مەدەنىيەت تومۇرى بىلەن دۆلەت تومۇرى زىچ باغلانغان» دېگەن بۆلىكىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ۋاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: ئۆمىكىمىز چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئەنئەنىۋى تىياتىرى «شۇاڭگۇەنگاۋ»نى جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن، تىرىشىپ تاماشىبىنلارغا مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلىپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت - كىنو ۋە نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى رىزۋان قارىپقان مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» ناملىق كىتابتا ئاددىي تىل ئارقىلىق چوڭقۇر قائىدە چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىزگە، تەتقىق قىلىپ ئوقۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

شىنجاڭ شىنخۇا كىتابخانىسى تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى سۇڭ خۇڭمېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش» ناملىق كىتابتىن 20 مىڭ پارچە كەلدى، ھازىر ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا تەرتىپلىك تارقىتىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابنى بىرىنچى ۋاقىتتا سېتىۋېلىشى ۋە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.