10 يىللىق ئۆزگىرىش ئارقىلىق قەشقەر «تەرەپ ـ تەرەپلەرگە تۇتاشتى»

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، فەن چيۇڭيەن

400 كىلومېتىر يول يۈرگەندە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەككە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، 700 كىلومېتىر يول يۈرگەندە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە، تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىگە، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، قەشقەرنىڭ بىر يېرىم سائەتلىك ئاۋىياتسىيە ئىقتىساد چەمبىرىكى ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋە ئاساسلىق ئىقتىسادىي شەھەرلىرىنى قاپلىدى...

«بەش پورت سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ياۋروپا ـ ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قەشقەر ۋىلايىتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىن «تەرەپ ـ تەرەپلەرگە تۇتىشىش»قا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيەدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ گۈزەل ئارزۇلار تەدرىجىي ئىشقا ئاشماقتا.

چۆللۈكتە زامانىۋىلاشقان باغچە رايونى قۇرۇلدى

قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇپ، ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن تارىخىي داڭلىق شەھەر بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى دولقۇن كەبى ئادەم ئېقىمى بىلەن تولغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئوخشاشلا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى.

8 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، ئاسما كىران گۈرۈلدەپ، يۈك ساندۇقلىرى كۆتۈرۈلۈپ ـ پەسىيىپ، يۈك ساندۇقلىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىللار جۇڭگودا ياسالغان دېگەن بەلگە چاپلانغان تاۋارلارنى قاچىلاپ تەرتىپلىك چىقىۋاتاتتى؛ سېختا خىزمەتچىلەر مەھسۇلاتلارنى ئەپچىللىك بىلەن قۇراشتۇرۇۋاتاتتى؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا خىزمەتچىلەر ماللارنى ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى...

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. 2015 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تاموژنىنى يېپىق ھالەتتە يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي يولغا قويغان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى بىر پارچە چۆللۈكتىن زاۋۇت ئۆيلىرى رەت ـ رەت قەد كۆتۈرگەن زامانىۋىلاشقان باغچە رايونىغا تەرەققىي قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلانماقتا.

نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونىدا 730 مىڭ كىۋادرات مېتىر زاۋۇت ئۆيى ۋە ئامبار سېلىندى، جەمئىي 3 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، باجدىن خالىي ئامباردا ساقلاش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، باجدىن خالىي پىششىقلاش، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش، ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورتى قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

«مەن 2020 ـ يىلى قەشقەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، بۇ يەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە گۇۋاھ بولدۇم، ئەينى چاغدا كارخانىنى قەشقەرگە ماكانلاشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.» جۇڭشۈن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چى مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ ئەتراپىدا قونجىراپ، قاراسۇ قاتارلىق بەش سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورت ۋە قەشقەر خەلقئارا ئايروپورتى بار، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز كۈچ قوشتى، ھازىر شىركىتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى باشلامچى كارخانىغا ئايلاندى.

ئون يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئۇل، ئېلېكتىرونلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس، يېمەكلىك پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئالاھىدە مېتال پىششىقلاشنى قوشۇمچە قىلغان سىرتقا يۈزلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ـ پىششىقلاش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، يەنە كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى ۋە يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋار كۆرگەزمە ـ سودا مەركىزىنىڭ رەسمىي تىجارەتكە كىرىشىشى ئالغا سىلجىتىلدى.

تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار دىققەتنى قەشقەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دۇنياغا يۈزلەندى

قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى تۈگۈن شەھەر ۋە جۇڭگو ـ پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يايسىمان ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ مەركىزى.

«بىز تۈرنى قەشقەر شەھىرىگە ماكانلاشتۇرۇشتا، دەل بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ئويلاشتۇق.» قەشقەر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋار كۆرگەزمە ـ سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دىڭ جېنشەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە سودا مەركىزىمىز سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلىدى، پۈتكۈل تۈر يەنە شۇ جايدىكى ئايرودۇرۇم، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، شەھەر رايونىدا ئۈچ سىناپ بېقىش مەركىزى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ نۇقتىدا بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىش، باشقا جايدىن مال ئېلىش، باجدىن خالىي تېز سېتىۋېلىش، تېز ئېلىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئېكسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي ئېكسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا باجدىن خالىي ئىمپورتى قاتارلىق بەش خىل ئەندىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلانى» «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا + كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت» قاتارلىق كۆپ خىل چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ئەندىزىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، «پۈتۈن يەرشارىدىن سېتىۋېلىش» «پۈتۈن يەرشارىغا سېتىش» قەشقەردە رېئاللىققا ئايلاندى.

قەشقەر ۋىلايىتى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايون بىلەن تاشقى سودا مۇناسىۋىتى ئورناتتى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2013 ـ يىلىدىكى 1 مىليارد 120 مىليون دوللاردىن كۆپىيىپ 2022 ـ يىلىدىكى 49 مىليارد 310 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە شىنجاڭ بويىچە 3 ـ ئورۇندا تۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپ كارخانىچىلار دىققىتىنى قەشقەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىدى. «ھازىر قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى، پەقەت ئىدارىمىزلا كۈندە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن كەلگەن تۆت ـ بەش تۈركۈم كارخانىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ جاي مەبلەغ سېلىشتىكى مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالدى.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ چۇنلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان كارخانا 380گە يەتتى.

ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان خەلقئارا چوڭ يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتىدە «ئۈچ ئايلانما يول، ئۈچ توغرا يۆنىلىشلىك يول، ئۈچ تىك يۆنىلىشلىك يول، ئۈچ تۇتاش يول»دىن ئىبارەت تاشيول قاتناش تورى سىستېمىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە، تىجارەت قىلىۋاتقان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان خەلق تىرانسپورت ئايروپورتىدىن تۆتى بار، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 39ى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن يەتتىسى ئېچىلدى. گەۋدىلىك رايون ئورنى ئەۋزەللىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كارخانىلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

تىجارەت ـ سودا ياخشى مۇھىتىنىڭ ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىسى جۇلالاندۇرۇلدى

«ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىزنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بۇ يىل 1 ـ ئايدا بىز قىرغىزىستانغا يۈك توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىغا <TIR>بەلگىسىنى چاپلىدۇق.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى جاڭ چىنى نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق ھاسىلاتقا ئىگە قىلغانىدى، ئۇلار بۇ يىل 1 مىليارد يۈەنلىك چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت كەسپى نىشانىنى تاماملاشنى پىلانلاپتۇ.

مۇخبىر جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىگە «TIR» بەلگىسى چاپلانغانلىقىنى كۆردى، بۇ بەلگە چاپلانغان ئاپتوموبىللار چېگراسىدىن ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىسىدىن ئۆتكەندە، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، ساندۇق ئېچىپ يۈك تەكشۈرۈلمەيدۇ، كارخانىلارنىڭمۇ چېگرادىن ئۆتۈش كېپىللىك ھەققى تاپشۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق.

بۇلتۇر 2 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا ئايلاندى، بۇ يىل، قەشقەر ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەيدانى تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندى... «بۇ، سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى <سىرتقا چىقىرىش>ىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى جاڭ چى.

8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، RCEP ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسى بار ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئاياللار كىيىمى ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مەنزىلگە ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. «ياپونىيە شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت بازىرى. ھازىر كىيىم ـ كېچەكلىرىمىزنى ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلساق، ھەربىر تۈركۈم مالدىن نەچچە مىڭ يۈەن تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ بېرىدۇ، بىر يىلدا خېلى كۆپ پۇل تېجىلىپ قالىدۇ» دېدى شىنجاڭ جېڭلۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۈن جيەنخۇا.

كارخانىلار ئېكسپورتتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسى تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي قائىدىسى تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى لايىھەنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۈزۈپ چىقىپ، ۋىزا بېجىرىش ھالقىسىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ھەل قىلدى.

تۈرلۈك ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتلەردىن باشقا، قەشقەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، كەسىپ قۇرۇلمىسى، بايلىقتىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان بازار يوشۇرۇن كۈچى ۋە سودا پۇرسىتىمۇ كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭىدىن توختام ئىمزالاپ سودىگەر چاقىرىش تۈرى 27 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق تۈردىن 24ى بار.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيې رۇڭتيەن مۇنداق دېدى: دۆلەت، ئاپتونوم رايون ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە قەشقەرنىڭ شۇ دەرىجىلىك تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى گىرەلىشىپ، بۇ رايونغا كىرگەن كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى بازارلارنى كېڭەيتىشىگە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرەلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر يەنە پاكىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ نۇقتىلىق شەھەرلىرى بىلەن ئىككى(كۆپ) تەرەپلىك قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ھەرتەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.