شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىلدى

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

ئالتۇن كۈزدىكى 9 ـ ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. شېنجېن يەنتيەنگاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېتەكچىلىك قىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 18 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %206.1 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدىكى شېنجېن شەھىرىدىن كەلگەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى قەشقەردىن ئىبارەت يىپەك يولىدىكى بۇ مۇھىم سودا بازىرىدا يېڭى دەۋردىكى ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

بىر مەقسەتتە كەسىپنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق» مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىكى مېھىرلىك تۇپراققا ئايلاندى؛ بىر تۈركۈم يېڭى سانائەت باغچە رايونلىرى قەد كۆتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ تۈرلۈك مۇھىم، زور كەسىپ تۈرلىرى ماكانلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىش

«قومۇل شەھىرىنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر بايلىقى مول، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى ياخشى تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە، بىز ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈرنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇپ پارچىلاش تېخنىكىسى بۇ يەردە ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى.» 8 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى − خېنەن لۇڭچېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (ئاراتۆرۈك) يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈردىن دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتكە ئايرىپ پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش تۈرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 8 مىليارد 500 مىليون يۈەن. خېنەن لۇڭچېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جۇ شۇچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشقا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

خوتەن ۋىلايىتىدە، بېيجىڭ شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېۋەز تېرىش ئەۋزەللىكى، توقۇمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، بېيجىڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2021 ـ يىلى 9 ـ ئايدا «بېيجىڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت كىيىمى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى»نى يېڭىلىق يارىتىپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بېيجىڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت كىيىمى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئىككى جاينىڭ كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تۈر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. تۈركۈم ـ تۈركۈم خىزمەت كىيىمى زاكازلىرى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ئىككى جايدىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىگە بارغاندا، تۇتاش كەتكەن نەچچە ئونمىڭ مو يەردىكى كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى بىپايان چۆللۈككە يېتەرلىك «پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسى» بېرىپ تۇرىدىغان توننى كىيدۈرگەنىدى. بۇ، گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىرى شىركىتى (گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىر 2 ـ ئىدارىسى پاي چەكلىك شىركىتى)نىڭ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 2 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى «مەنزىرە» ئىدى.

«بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 2 مىليون كىلوۋات بولۇپ، 5 مىليوندىن ئارتۇق يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتال ئورنىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 220 كىلوۋولتلۇق يورۇقلۇق ۋولت يىغىش پونكىتىدىن ئۈچى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليارد كىلوۋات سائەت بولىدۇ» دېدى گۇاڭدۇڭ سۇ ئېلېكتىرى شىنجاڭ ئېنېرگىيە شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چېن شىلى.

بىر باشلامچى كارخانا كىرگۈزۈلدى، بىر كەسىپكە تۈرتكە بولدى، بىر توپ شەكىللەندى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يورۇقلۇق بايلىقى مول. يورۇقلۇق ۋولت كەسپى گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە 2022 ـ يىلى نۇقتىلىق كىرگۈزگەن كەسىپ. گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ تۈرتكە بولۇشىدا گۇاڭدۇڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ بىناكارلىق ـ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، شېنجېن ئېنېرگىيە گۇرۇھى قاتارلىق گۇاڭدۇڭنىڭ ئېنېرگىيە كارخانىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا 20 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت تۈرىگە مەبلەغ سالىدۇ ھەم بۇنى تايانچ قىلىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە ساقلاش، ھىدروگېن ئېلىش، لىتىيلىق باتارېيە ھەمدە يورۇقلۇق ۋولت جازىسى، بىرىكمە دېتال خام ماتېرىيالىنى پىششىقلاش، بىرىكمە دېتال رامكىسى ياساش، بىرىكمە دېتالنى ھىملاپ قاچىلاش قاتارلىق يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى كۈچەپ كىرگۈزۈپ، يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

سودىگەر چاقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش

9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 23 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ـ سودا يەرمەنكىسىدە «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتلىرى، فۇجيەن شيامېندىكى داڭلىق كارخانىلار ھەم باشقا ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان، سودىگەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قورغاس شەھىرى قاتارلىق بەش جاي ئۆز جايىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، كەسىپ يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، بورتالا چېگرا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئالتە باغچە رايونى نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىش تۈرلىرىنى ئېلان قىلدى، جەمئىي 34 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 25 مىليارد 938 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ئورۇنلىرى شىنجاڭنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشى، ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

− ئەنخۇي ئۆلكىسى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خېفېي ـ ئۈرۈمچى ئىككى جايدىكى قۇرۇقلۇق پورتىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئېكسپورت نۆۋەتچى پويىزى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، «خېفېي جۇڭگو ـ ياۋروپا (باۋۋۇ) نۆۋەتچى پويىزى»نى قاتنىتىپ، ئاق رەڭلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېكسپورت قىلدى، جياڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يىلىغا 20 مىڭ سودا ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى خوتەنگە ماكانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

− شاڭخەي شەھىرى قاراماي شەھىرىنىڭ شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا شەھەرنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، بىر تۈركۈم «نېفىت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» ۋە «نېفىتتىن باشقا» كەسىپلەر بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەر، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى.

− خەلق بانكىسى، سودا ـ سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار توققۇز بانكا باش بانكىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا 5 تىرىليون يۈەن ئىناۋەت نورمىسى بەردى؛ پۇل مۇئامىلە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، 29 بانكىنىڭ سۇپىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ئاستا بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

− دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مەملىكەتلىك 4 ـ نۆۋەتلىك ئاشلىق سودا يىغىنىنىڭ شىنجاڭ بۇلۇت كۆرگەزمە سارىيىغا پائال تەييارلىق كۆردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 41 كارخانىنى 160 نەچچە خىل مەھسۇلاتىنى جۇڭگو ئەلا سۈپەتلىك تەييار ئاشلىق ـ ياغ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا كىرگۈزۈشكە تەشكىللىدى، توردا سېتىۋېلىش ـ سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سودا يەرمەنكىسىنى قانات يايدۇردى، بۇلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خاس ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ـ ياغ مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، ئاشلىق ـ ياغ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

...

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلار، مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى. 2022 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 960 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن 2.57 ھەسسە ئاشتى؛ بۇ يىل 8 ـ ئايدا، 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 493 مىليارد 212 مىليون يۈەنگە يەتتى.

تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

سۈبھىنۇر ماسىرجان كومپيۇتېرنى ئېچىپ، تىڭشىغۇچنى تاقاپ، ھەر كۈنلۈك خىزمەت ئالدىدىكى زۆرۈر دەرسلىك − ئېلىنغان ئۈننى ئاڭلاش مەشىقىنى باشلىدى.

سۈبھىنۇر شىنجاڭ جۇڭۋاڭ رەقەملىك كەسىپلەر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ شىركەت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىدىكى جياڭيىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش رەقەملىك كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى خېرىدارلارنى ئاۋازلىق چاقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، ئاۋازلىق چاقىرىش ئىش ئورنىدىن 500دىن ئارتۇقى بار، بۇ، ئىلى ئوبلاستىدا قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بويىچە شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلى ئوبلاستىدا بۇ كەسىپلەر باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كەسىپلەر باغچىسىنى قۇردى، شۇنداقلا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى 17 سانائەت باغچە رايونى قوشماقلىشىپ ياردەم قىلىش ـ يۆلەشنى يولغا قويۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلدى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كەسىپلەر باغچىسىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش قۇتۇبىغا ئايلاندۇردى.

تيەنجىن شەھىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە تيەنجىن ـ خوتەن يېزا ئىگىلىك باغچىسى، تيەنجىن ـ خوتەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپلەر باغچىسى، «جىنكېن» چارۋىچىلىق، گۆش قويى تەتقىقات ئورنى قاتارلىقلارنى تايانچ قىلىپ، مىليون گۆش قويى كەسپىنى بەرپا قىلىشقا يۆلەك بولۇپ، ئەلا سورتلارنى كۆپەيتىش، يەم ـ خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، سويۇش ـ پىششىقلاش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ سىستېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھاۋالىلىك بېقىشتىن پايدا تەقسىملەش، ئائىلىلەردە بورداش، ساغلىق بېرىپ قوزىسىنى ئېلىش، قوي فېرمىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سەككىز خىل ئەندىزىنى بەرپا قىلىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ناھىيە بازىرىدىكى كارخانا باش ئىشتابى − يېزا ـ بازارلاردىكى كىچىك، ئۇششاق كەسىپلەر باغچىسى − كەنتلەردىكى ھەمراھ زاۋۇت − ئائىلىلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخى»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ «ئۆيدىن چىقىپلا، زاۋۇتقا كىرىش»ى ۋە «ئۆيدىن چىقمايلا، ئۆيدە ئىشقا ئورۇنلىشىش»ىغا تۈرتكە بولدى.

ئەنخۇي ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، رەقەملىك ئىقتىسادنى گۇما ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇمات بەلگىسى كارخانىلىرىنى گۇما ناھىيەسىگە پائال كىرگۈزۈپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى «1 ـ نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» − جۇڭگو گۇما رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى.

كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىدا ھەم ئەمەلىي مەبلەغ، ھەم سەرخىل قوشۇن بار. 2020 ـ يىلىدىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىيلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 30نى يېتىشتۈرۈشكە ياردەملەشتى، 13 كارخانا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوللىشىغا ئېرىشتى، قولغا كەلتۈرۈلگەن تۈرلۈك مەبلەغ ياردىمى 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كەسىپلەر باغچىلىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خاس ئىزناسىغا ئايلىنىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا.