مائارىپ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مائارىپ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە ئەۋەتكەن خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 39 ـ قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بىرلىكتە تەبرىكلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى باشتىن ـ ئاخىر ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا مۇھىم، زور باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، مائارىپ ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، شىنجاڭ مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پۇختا، كۈچلۈك تۈزىتىش تەدبىرى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. «بەش تەربىيەنى تەڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاقىل مائارىپنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، پەن ـ مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مۇتلەق سادىق بولۇشقا؛ مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت دەۋر ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشقا؛ كەسپىي بىلىم ئاساسىنى پۇختىلاپ، مائارىپ ئىدىيەسىنى ئاڭلىق يېڭىلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشكە؛ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پاك ـ دۇرۇس بولۇپ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ ئۆزىنى تەربىيەلەشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.