مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، زور ئۈمىدنى يەردە قويمايمىز

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، زور ئۈمىدنى يەردە قويمايمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيىتى، دەۋر ئەھمىيىتى، رېئال ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى رىغبەتلەندۈرۈشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولىمىز.

قاراماي شەھىرى:

تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

9 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، قاراماي شەھىرى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىغا ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، قاراماي شەھىرىنىڭ «بىر ئاساس، كۆپ مەنبەلىك» زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۆزلىمە نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ ئىلمىي تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ياخشى باشلامچى ۋە ئالدىن يۈرگۈچى بولۇش كېرەك.

ئالتاي ۋىلايىتى:

خاس كەسىپلەرنى زورايتىش

9 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى كادىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېشىل كانچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، چوڭ ساياھەت، چوڭ يېزا ئىگىلىكى، ئومۇمىي ساغلاملىقتىن ئىبارەت «بەش چوڭ خاس ئەۋزەل كەسىپ» ۋە پورت ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى:

ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مەھكەم تۇتۇش

8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 31 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ پارتىيە گۇرۇپپا كېڭەيتىلگەن يىغىنى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئىقتىساد، كەسىپ، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك قوزغىتىلىشى، ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ـ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلار تۈرىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىختىساسلىقلار مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ «كېلىشنى خالايدىغان» «تۇرۇپ قالالايدىغان» بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى:

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىلغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ـ ياردەم قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؛ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى:

ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، قانداق قىلىپ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كەسىپ ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ساياھەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش ئارقىلىق، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسى يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىراھەت تىپىدىكى ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنى بەرپا قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تىرىشىپ دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى:

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى «ئاساسىي ھالەت»ىنى مۇستەھكەملەش

8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 31 ـ كۈنى ۋە 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا كادىرلار يىغىنى، ئىدارە باشلىقى ئىش بېجىرىش يىغىنى، ئىدارە پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» «ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش» رولىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جارى قىلدۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، «مۇقىملاشتۇرغۇچ»نى توغرا ئىگىلەپ، «ئاساسىي ھالەت»نى پۇختىلاپ، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىپ، «ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى تۇتۇپ، ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، «ئۈچ ئىسلاھات»نىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

(مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار لى لىن، رېن چۇنشياڭ، جاڭ شياۋمى، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو شۆمېي)