چىڭخۇا داشۆنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى تەقسىمات ئارزۇسىنىڭ ھەممىسىگە شىنجاڭنى تولدۇرغان

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

− شىنجاڭ داشۆدىكى چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى چيۇ سۇچىن توغرىسىدا

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ فاڭ

بۇ، چىڭخۇا داشۆنىڭ بىر پارچە ئازراق پۇرلىشىپ كەتكەن، سەل سارغىيىپ قالغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بولۇپ، گۇۋاھنامىنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىگە بىر پارچە بىر سۇڭلۇق رەڭسىز سۈرەت چاپلانغان، سۈرەتتىكى قىز قىسقا چاچ، يۇمىلاق يۈزلۈك بولۇپ، ئاددىي ـ ساددىلىقى ئىچىدە قەتئىيلىكى چىقىپ تۇراتتى.

«قاراڭ، مەن ياش ۋاقتىمدا ئوغۇل بالىغا ئوخشامدىكەنمەن؟» دېدى 85 ياشلىق چيۇ سۇچىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا. مۇخبىر ئۇنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن يىللارنىڭ نۇرغۇن ئىزنالىرىدىن ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ شوخ، ئوچۇق ـ يورۇق، يۈكسەك جاسارەتلىك ياش قىز ئوقۇغۇچىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدى.

«بىرىنچى ئارزۇ: شىنجاڭ، ئىككىنچى ئارزۇ: شىنجاڭ.» 1960 ـ يىلى، چىڭخۇا داشۆنىڭ ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن چيۇ سۇچىن «ئوقۇش پۈتكۈزۈش تەقسىمات ئارزۇ جەدۋىلى»گە مۇشۇنداق تولدۇرغانىدى. «ماۋ جۇشى كەڭ ياشلارنى يېزىلارغا بېرىش، چېگرا رايونغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. قانچە جاپالىق جاي شۇنچە شەرەپلىك، مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا قاتناشقۇم بار.» ھەر قېتىم باشقىلار سورىسا، چيۇ سۇچىن ھەمىشە مۇشۇنداق جاۋاب بېرەتتى.

قايناق ھېسسىيات ۋە ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇ 22 ياشلىق شەندۇڭلۇق قىز پويىزغا ئولتۇرۇپ، يۇرتىدىن 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ داشۆ ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى (1962 ـ يىلى، شىنجاڭ داشۆ ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى شىنجاڭ مېتاللورگىيە شۆيۈەنىگە قوشۇۋېتىلگەن، كېيىن نامى شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنىگە ئۆزگەرتىلگەن، 2000 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ داشۆگە قوشۇۋېتىلگەن)نىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېگرا رايوندا 60 نەچچە يىل يىلتىز تارتتى.

شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا كۆپچىلىككە چىڭخۇا داشۆنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ «قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ تەڭ يېتىلگەن» كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى: داشۆدىكى پۇختا بىلىم ئاساسىغا تايىنىپ، قىسقىغىنا بىرنەچچە ئاي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، «گېئومېتىرىيە سىزىش ئۇسۇلى» «مېتال ھۈنەر ـ سەنئەت ئىلمى بازغانلاش ـ كەپشەرلەش قىسمى» «نەزەرىيە مېخانىكىسى» «ماتېرىيال مېخانىكىسى» قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىكا نەزەرىيە دەرسلىرىنى تەسىس قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىلگىرى چىڭخۇا داشۆ قىزلار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولغان ئۇ مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىككى قېتىم شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول 2 ـ كوماندىسى ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كوماندىسىغا تاللىنىپ، شىنجاڭغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەم ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

«ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئۆزۈم چوقۇم تېخىمۇ كۆپ بىلىمنى ئىگىلىشىم كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇشۇم، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ئىلىم ئۆگىنىشنى ئۆگىتىشىم كېرەك.» چيۇ سۇچىن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە تەسىراتىنى مۇشۇنداق خۇلاسىلىدى. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ «پىداكار ئەزىمەت» بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ئىزچىل توختىتىپ قويمىدى.

قۇيمىچىلىق كەسپى شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنىنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان كەسپى بولۇپ، 1974 ـ يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، 1975 ـ يىلى تەجرىبىخانا قۇرۇلغان. ئۇ بىرنەچچە ياش ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، لايىھەلەش چېرتيوژى سىزىشتىن تارتىپ يۇندى يولىنى راۋانلاشتۇرۇشقىچە، ئىشنى چوڭ، كىچىك دەپ ئايرىماي ھەممىسىگە قاتناشتى. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «سانائەت چاستوتىسى ئىندۇكسىيەلىك توك ئوچىقى»نىڭ ئېلېكتىر قىسمىنى لايىھەلەش، ياساش، قۇراشتۇرۇش، تەڭشەشتىن ئىبارەت ئاساسلىق خىزمەتنى، ئىنچىكە قۇيۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كەپشەرلەش، ياساش ۋە ھەر خىل پىششىقلاش ئىستانوكلىرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى... قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، خېلى كۆلەمگە ئىگە بولغان، ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدىغان، ھەم بەلگىلىك پەن تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەجرىبىخانا قۇرۇلدى.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئوزۇقى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۈزلۈكسىز يېڭى دەرس تەسىس قىلىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ «ئۆلچەش ـ سىناش تېخنىكىسى» «ئېلېكتىر تېخنىكىسىدىن ئاساس» «مىكرو كومپيۇتېر قائىدىسى ھەم قوللىنىش» قاتارلىق كۆپ خىل دەرسلەرنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىنى تەتبىقلاپ، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى، ھەم كۆپ تۈرلۈك پەن تەتقىقاتىنى ئوقۇش پۈتكۈزۈش لايىھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەتبىقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا كىتابتىن ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن بىلىمنى ئۆگەتتى.

1996 ـ يىلى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە قاتناش قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتى تېخى مەكتەپنىڭ ئاپتوموبىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئىدى. بۇ كەسىپنىڭ ئىزباسارلىرى بولۇشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان چيۇ سۇچىن باشتىن ـ ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ موتورنى چۇۋۇپ قۇراشتۇردى.

چيۇ سۇچىننىڭ ئوقۇغۇچىسى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ داشۆ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان گۈلباھار توختىنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە: «ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭدىن ئارتۇق ئىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلاشتۇرۇۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، چيۇ مۇئەللىم چۇۋۇشقا بولىدىغان زاپچاسلارنىڭ ھەممىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۇۋۇپ ئېلىپ، تاكى بىز ھەممىمىز بۇ زاپچاسلارنى ئېنىق ئەستە تۇتۇۋالغۇچە، ھەم زاپچاسلارنى چۇۋۇش ۋە قۇراشتۇرۇشنى تاماملىيالايدىغان بولغىچە ھەربىر زاپچاسنى چۇۋۇغاندا قايتا ـ قايتا چۈشەندۈرەتتى».

ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئەڭ يېڭى كەسپىي بىلىملەرنى ئىگىلەش كېرەك. چيۇ سۇچىن پەن تەتقىقات خىزمىتىگە پائال ئاتلاندى، ھەم ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېما تاللاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى. ئۇ تەتقىق قىلىپ ياساشقا رىياسەتچىلىك قىلغان «مېتال ئېرىتىش پېچىدا ئېرىتىش ـ تاۋلاش بويىچە مىكرو كومپيۇتېردا ئەلالىرىنى ئىزدەش سىستېمىسى» «ئوتتۇرا چاستوتىلىق ئىندۇكسىيەلىك توك ئوچاقنى مىكرو كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىش ۋە قوللىنىش» بىردەك ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «جۇڭگو تېخنىكا نەتىجىلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى. ئۇ ياردەملىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان XDW-I تىپلىق مىكرو كومپيۇتېردا ئەمەلىي بۇرغىلاشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسى ئەسلىدىكى دۆلەت گېئولوگىيە ـ قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى.

ئالىيجانابلار ماختانمىسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، چيۇ سۇچىننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا تارقىلىپ، نۇرغۇنلىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. «شىنجاڭغا كېلىش مېنىڭ قەتئىي تاللىشىم، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن مەن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى چيۇ سۇچىن.