«قايتىپ بارغاندىن كېيىن قەشقەرنى چوقۇم ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تونۇشتۇرىمىز»

日期:2023年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

«ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر:

«قايتىپ بارغاندىن كېيىن قەشقەرنى چوقۇم ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تونۇشتۇرىمىز»

قەشقەر 9 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى خەۋىرى ئىختىيارىي مۇخبىر چېن چاۋ خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، «ياپونىيە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى» بويىچە 2 ـ تۈركۈمدىكى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكىدىكى 18 كىشى قەشقەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى.

ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ مەسچىتى، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى قوغداش ـ ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دىنلار ئىناقلىقى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختىدى.

«قەشقەرگە بارمىسا شىنجاڭغا بارغان ھېسابلانمايدۇ، قەدىمىي شەھەرگە بارمىسا قەشقەرگە بارغان ھېسابلانمايدۇ.» قەشقەر قەدىمىي شەھىرى دۇنيادا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ خام كېسەك قۇرۇلمىلىق ئىمارەتلەر توپىنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تارىخىي ئادىمىيەت مەنزىرىسى. داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن دەرۋازا ئېچىش مۇراسىمى ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ھەربىر ئەزاسىنى جەلپ قىلدى، ئۇلار بەس ـ بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلدى.

«بۇ بىر <تىرىك> قەدىمىي شەھەر ئىكەن!» قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كىرگەندە، دابەن مەھكىمىسى ياپونىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى پىڭجىڭ داۋمىڭ ھەيران بولۇپ شۇنداق دېدى: «ھەر مىللەت خەلق قەدىمىي شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر ئىناق مەنزىرە ھاسىل بوپتۇ».

«جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇ بىر ئۇلۇغ قۇرۇلۇش.» گاڭشەن شەھىرى ياپونىيە ـ جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خېيجۇ جاۋزى قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى قوغداش ـ ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ھۆكۈمەت قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قەدىمىي شەھەرنى ھەم قەدىمىي پۇراققا، ھەم زامانىۋى قولايلىققا ئىگە قىپتۇ.

ھېيتگاھ مەسچىتىدىكى ئىبادەت زالى ئىچىدە، بىر پارچە ئاسما گىلەم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئاسما گىلەمنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بىر چوڭ ئانارگۈلى بار بولۇپ، ئەتراپىنى 56 كىچىك ئانار گۈلى ئوراپ تۇراتتى، بارلىق گۈل شاخلىرى زىچ تۇتاشقان بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى. «جۇڭگو دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ.» ھېيتگاھ مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ياپونىيە ئاھالىسى نېيشەن شيۇڭسى مۇنداق دېدى: «بۇ دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايان قىپتۇ. دىنىي پائالىيەت سورۇنىنىڭ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىلىپتۇ».

تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كەلگەن ياپونىيە ئاھالىسى بۇچۈەن چاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قەشقەرنىڭ نامىنى ئاڭلىغانىدىم، بۇ قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، بۇ جاينىڭ بۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. شەھەر ناھايىتى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ناھايىتى ئاۋات ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق بۇ جايدا ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ، بۇلار ماڭا شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى، مەززىلىك تائاملىرى ۋە مېۋە ـ چېۋىلىرىمۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن قەشقەرنى چوقۇم ئەتراپىمدىكىلەرگە تونۇشتۇرىمەن».