تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەن 1 ـ، 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ھازىرقى ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قايتا ئالغا سىلجىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىش، تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك. سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، كۈچەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ سىجىل كۈچىيىشى، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ سىجىل تۈگىتىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پاختا نىشانلىق باھا سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى چارلاش ـ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان، ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان، مىسنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىدىكى «ئالتۇن مەزگىل»نى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تېز ئېشىشىغا باشلامچى بولۇش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، قىشلىق ساياھەتنى ئالدىن قىزىتىپ، يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال قويۇپ بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىنى چىڭ كۆزلەش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئۆي ـ زېمىن ۋە كارخانا قەرزى قاتارلىق ئىقتىساد ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، «كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىي ھالەت»نى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، ۋاڭ گوخې، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، جارۇللا ھېسامىدىن يىغىنغا قاتناشتى.