يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

8 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم يول. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۇغۇرما تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىمىز

بىڭتۇەن 3 ـ شى تۇمشۇق شەھىرى ئىلگىرى پەقەت 3 ـ دەرىجىلىك بىر تاشيول ئارقىلىقلا مارالبېشى ناھىيەسى بىلەن تۇتىشاتتى، بۈگۈنكى كۈندە تاشيول تورى تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتىشىپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، رايونلار ئارا ئايلىنىدىغان قاتناش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

بىڭتۇەن 3 ـ شى تۇمشۇق شەھىرىدىن مارالبېشى ناھىيەسىگىچە بولغان تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار ئۇياق ـ بۇياققا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان، ئىشچىلار جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى. «ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى چەكسىز روھلاندۇردى.» بۇ تۈرنىڭ 2 ـ توختام بۆلىكىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دىرېكتورى ياڭ تاۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى مەمۇرىي رايونغا ئايرىلىش جەھەتتە جىڭ ناھىيەسى، بورتالا شەھىرى ۋە ئالاتاۋ شەھىرىدىن ھالقىغان بولۇپ، بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرىنىڭ 83 ـ تۇەنى، 90 ـ تۇەنى، 91 ـ تۇەنى بىلەن تۇتىشىپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئورتاق شەكىللەندۈردى.

«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ئەسلەتمە ئىمزالاپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىرلەشمە مانېۋىرى ۋە سۇلۇق يەرنى باشقۇرۇش ـ قوغداش خىزمىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇردى.» بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسى(ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ بىشياۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، قول تۇتۇشۇپ سۇلۇق يەرنى ئورتاق قوغدايمىز.

بىڭتۇەن 9 ـ شى 166 ـ تۇەنى، 167 ـ تۇەنى، 168 ـ تۇەنى بىلەن دۆربىلجىن ناھىيەسى تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جاينىڭ سۇ ـ تۇپرىقىنى ئورتاق قوغداپ كەلدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى ئورتاق بايان قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش داۋامىدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىدى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، بۇ ھەم بىزنىڭ ئىزچىل تىرىشىش يۆنىلىشىمىز بولۇپ كەلدى.» دۆربىلجىن ناھىيەسى ئېرجىخې چارۋىچىلىق مەيدانى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا ماڭغانسېرى يېقىن ئۆتۈش، ماڭغانسېرى بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئاپتونوم رايون بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئورتاق يۇغۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، داۋالاش مۇلازىمىتىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى تېز شەكىللەندۈردى.

بىڭتۇەن 8 ـ شى شىخەنزە شەھىرى بىلەن ماناس ناھىيەسىنىڭ ئارىلىقى 15 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يېقىن قوشنا، ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت ئامما قاتناش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىن، يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

«رايونلار پاسىلى بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، تۈرلۈك كەسىپلەردە ماسلىشىش ـ ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى جايدىكىلەرنىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى يۇغۇرۇلدى.» بىڭتۇەن 8 ـ شى 143 ـ تۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى بالىلار مەكتەپتە بىللە ئوقۇۋاتىدۇ، ئامما بىللە سودا قىلىۋاتىدۇ، كارخانىلار بىللە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك كەسىپلەر ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ.

بىڭتۇەن 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ماناس ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپ يەنە مائارىپ ھەمكارلىقى رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. بىڭتۇەن 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ بو مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا كادىر ئەۋەتىپ ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇش، تەتقىقات ـ ئوقۇتۇش جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مائارىپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى.» بىڭتۇەن پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى تۇڭ جۇڭخۇا مۇنداق دېدى: قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بىڭتۇەن شۆبە رايونى، شىخەنزە ـ ماناس بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى سىناق رايونى قاتارلىق يېڭى باغچە رايونلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئەقىل ـ پاراسەت، ئىرادە ۋە نەتىجىلەر نامايان بولماقتا. بىڭتۇەننى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، بىڭتۇەننى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى، بۇ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك تۇنجى بولۇپ بىرلىشىپ بەرپا قىلغان دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى.

«قۇرۇش تەستىقلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېڭ گۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە سۇپا بەرپا قىلىپ، بايلىق توپلاشتا يېڭىلىق يارىتىش، سۇپا قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك 6 ـ شى ئاليۇمىن كەسپى چەكلىك شىركىتى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ بىرى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا 22 مىليارد 340 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى. بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور لى چىڭشىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «قوش كاربون» نىشانى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھىرى شى، شەھەردىكى 35 ليەندۈي بىلەن قوشنا بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 35 مەمۇرىي كەنتنىڭ قوشماق بولۇپ ئورتاق بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى، كىرىمنى ئاشۇرۇپ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىڭتۇەن 1 ـ شى 2 ـ تۇەن 17 ـ ليەنى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى بوستان كەنتى بىلەن قوشماق بولۇپ ئورتاق بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئورتاق بەرپا قىلىش ئالاقە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دائىم سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

«بۇ يىل، 17 ـ ليەن بوستان كەنتىدە 270 مو كېۋەز ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى بەرپا قىلىشقا ياردەم بەردى ھەم قەرەللىك ھالدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى بوستان كەنتىگە بېرىپ نەق مەيداندا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.» بىڭتۇەن 1 ـ شى ئارال شەھەرلىك پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر يۈسۈپ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىمىز.