پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

چېن ۋېيجۈن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يېقىندا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 2 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا خىزمىتى ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ـ كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ياچېيكا ئەزالىرى مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى چىن قەلبتىن ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، «ئۈچنى بېجىرىش» «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.