ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

ۋاڭ مىڭشەن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يېقىندا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتى ئورگان ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكىغا ۋاكالىتەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ ـ كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى بىر ـ بىرلەپ قانات يايدۇردى. ۋاڭ مىڭشەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق تەكىتلىدى: ياچېيكىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. سىياسىي ـ قانۇن سېپىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي بۇرچى ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ ـ ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس، كەسپىي ئىقتىدارى كامالەتكە يەتكەن سىياسىي ـ قانۇن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.