مۇتلەق سادىقلىقنى تاۋلاپ، ئۆز خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2023年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

يۈسۈپجان مەمەت ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

مۇتلەق سادىقلىقنى تاۋلاپ، ئۆز خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يېقىندا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى كاتىبات 3 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەشتە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم بايانىغا سېلىشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەلا ئىستىل، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق «ئۈچنى بېجىرىش» «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئۈلگىلەردىن بولۇش، يېڭى تۆھپە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى تەرتىپ بويىچە سۆز قىلدى، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ـ كۆزىتىپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. يۈسۈپجان مەمەت كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم پىكىر ئالماشتۇردى.

يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇتلەق سادىق بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پەزىلەت ۋە سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە ياردەم بېرىشتىكى كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى تاۋلاپ، مەسلىھەتچىلىك ـ ياردەمچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەسىپنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، سىياسەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە پىلانلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. «مەسئۇلىيەت ئىقتىداردىن مۇتلەق ئۈستۈن» ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پاكلىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.