لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

​ما شىڭرۇي، خاۋ پېڭ، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي پائالىيەتكە قاتناشتى


8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خاۋ پېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار سانجى شەھىرىدىكى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خاۋ پېڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى پىلانلىدى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لياۋنىڭ دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «لياۋشېن جېڭى»نى ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، لياۋنىڭنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. لياۋنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور قەدەم تاشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، لياۋنىڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلىرىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ خاسلىقى، ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ۋە باقتۇ پورتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، لياۋنىڭنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بېرىشىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرىدۇ.

خاۋ پېڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا، لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىزگە چوڭقۇر ئىلھام بولدى. لياۋنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي تۈردە پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى لياۋنىڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى ئىشلەيدۇ. شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىشنى سىجىل ياخشى تۇتىدۇ؛ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق جەھەتلەردە كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تۈر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تارباغاتاي دۆلەت نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭ دۆلەتنىڭ شەرقىي ۋە غەربىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، يول قۇرۇلۇشى، سودا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئالاقىدار رەھبەرلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئارقىدىن ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى، 9 - شى بەيياڭ شەھىرىگە كېلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى سانجى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش كەسىپلەر باغچىسى ۋە شىخەنزە تيەنيې گۇرۇھى، خۇايۇەن ئايرۇدۇرۇمىغا بېرىپ، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ چۆچەك شەھىرىدىكى مەھەللە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىلغار - نەمۇنىچىلار ۋە ئامما ۋەكىللىرىنى يوقلىدى؛ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى، تارباغاتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى دوختۇرخانىسى، شياۋبەيياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى ھەمدە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارباغاتاي شۆبىسىگە بېرىپ، داۋالاش، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى يىرىك پىلانى كۆرگەزمىسى، لياۋنىڭ - شىنجاڭ كەسىپلەر باغچىسى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى 163 - تۇەنىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشتۈرۈلۈش، كەسىپ ھەمكارلىقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى ۋە چۆچەك شەھەرلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ شىنۋېي، ۋاڭ جيەن، شيۇڭ ماۋپىڭ، جياڭ تيەنباۋ، خو بۇگاڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، خا زېڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.