كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرىمىز. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە قاراتمىلىق رەددىيە بېرىپ، ساياھەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىمىز.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى ۋەزىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان تۈرلۈك مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمىلىرىنى سىجىل ياخشى ئۆتكۈزۈپ، <كىرگۈزۈش> <چىقىرىش>نى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، مەزمۇنى كۆپ مەنبەلىك، قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، تارقىتىش كۈچى كۈچلۈك، ھەمتۈرتكىلىكلىكى ياخشى، تەسىر كۈچى زور بولۇشقا تىرىشىپ، <شىنجاڭ ياخشى جاي> داڭلىق ماركىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ساياھەتنى كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇيخۇا.

«بىز ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، دىققىتىمىزنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، ئىنچىكە كۆزىتىش، پۇختا ھېس قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق، دەۋرنى كۈيلەيدىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىمىز.» شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس دېڭ شۈەنبىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى «يېڭى دەۋردىكى تاغلىق يېزىلارنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدىكى ئىجادىيەت پىلانى» ۋە «يېڭى دەۋردە ئەدەبىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش پىلانى»غا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەۋاتىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ جيەنجۈن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ تارىخىي ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، بىز ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش نەتىجىسىگە بولغان چوڭقۇر تەتقىقاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، توغرا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى جانلىق ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمىز.

«باش شۇجى: شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل، بىز شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى تولۇق نامايان قىلىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر شۈ رۇيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىش سالمىقى، كەڭلىكى، زىچلىقى ۋە ھارارىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت -ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆۋرۈك بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىمىز.