​مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن پەيتتە، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، مىننەتدارلىق قەلبىمىز، روھنى ئۇرغۇتۇش ھېسسىياتىمىز، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىمىزنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، نىزامغا كىرگۈزۈش، قائىدىگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى نىزام چىقىرىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىقلارغا دائىر خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇپ، رولىنى شۇ يەرگىچە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.