​مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، بىڭتۇەننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتقان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى شىنجاڭنى ۋە بىڭتۇەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىگە بولغان ئىلھاملاندۇرۇشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ بىڭتۇەندە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، تاراتقۇلار تەشۋىق قىلىش، مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش، نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش، تاشقى تەشۋىقات - تونۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خىزمەتلەرگە يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.