​سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى تولۇق نامايان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چەكسىز چوڭقۇر مۇھەببىتى تولۇق نامايان قىلىندى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئالاھىدە سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى پارتىيەگە سادىق بولۇشتىكى سىياسىي ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن مۇھىم، زور، چوڭقۇر سىياسىي ئەھمىيەت، تارىخىي ئەھمىيەت ۋە ئابىدىلىك ئەھمىيەتنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تېزدىن قىزغىن دولقۇن قوزغاپ، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، كەڭ كۆلەمدە، چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، كۈچلۈك ھەرىكەت تەدبىرى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ھالقىمۇھالقا پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.