​سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

​سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى تولۇق نامايان قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي بولغان مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش شۇجىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەمگە ئومۇميۈزلۈك توغرىلىنىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مول كېڭىشىش ۋاسىتىسى ۋە تاكامۇللاشقان خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سىياسىينى كۈچەيتىدىغان، قوشۇننى يېتەكلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، باش شۇجى شىنجاڭ ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.