​گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلارنى ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى​

گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلارنى ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر يىلدىن كېيىن شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا «يېتەكچى شاھمات ئۇرۇقى»نى بېسىپ بەردى، مېتودولوگىيە ئۆگەتتى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر، تۈرلۈك ئىشلاردا يۈز بەرگەن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى، سەمىمىي تۆھپە قوشۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى، ئىلھام بېرىشى، مەدەت بېرىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي، تەجرىبە، ئىناۋەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ۋە تەشكىلاتلار، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇش جەھەتتىن ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىپ، پېشقەدەم يولداشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، كەڭ پېشقەدەم يولداشلارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.