دەريا-كۆللەرنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش丨دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن «مىڭ يىللىق پاراۋانلىق»

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئاق تېرەك دەرياسى توقسۇن بۆلىكىدىكى ئۈلگىلىك دەريا-كۆل قۇرۇلۇشىغا بوشلۇقتىن نەزەر (8-ئاينىڭ 30-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

    شۇ كۈنى، «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» تېمىسىدىكى «دەريا-كۆللەرنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى تۇرپان شەھىرى يارغول ئۆتىڭى . كارىز مەنبەسىگە كېلىپ، تۇرپاندىكى ئەڭ چوڭقۇر كارىزنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇتۇش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كارىزدىن پايدىلىنىش ۋە قوغداش، مەدەنىيەت-ساياھەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىگە بېرىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش تەدبىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە-ئۈنۈملەرنى زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، مىڭ يىلدىن بۇيانقى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكىنىڭ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدى.