ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز | شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»دا ئۇچقاندەك يۈرمەكتە

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

8-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىئەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جىڭۋېي سانائەت باغچىسىدىكى شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، قاتار كەتكەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەيدەش بۆلمىسى مېخانىك بىلەكنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەپشەرلەش مەشغۇلاتى ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە يەككە مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى.

    تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىئەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جىڭۋېي سانائەت باغچىسىدىكى شەنشى ئاپتوموبىل پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) ئاپتوموبىل باش قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ئاقما لىنىيەدە ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇۋاتاتتى.

    2013-يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىلى، جۇڭگونىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئېكسپورت كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا بازاردىكى ئەۋزەل بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئەۋزەل ھەمراھلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، چەت ئەللەردىكى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى زورايتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىشىپ كىردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىل 4000دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنغىنى 2900دىن ئاشتى.