«بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

جاڭ چۇنلىن ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

«بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن يېقىندا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 3 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 -، 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا بەنزىسىگە ۋاكالىتەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى ھەم تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. جاڭ چۇنلىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ - ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ تاماملىنىشى ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. پارتىيە ياچېيكىسى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى، چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش داۋامىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەت، يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشتەك ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى، ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى، ئاغرىنماسلىق، ئۆكۈنمەسلىكتەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، پاك، ئىنتىزامچان بولۇشتەك ئەخلاق - پەزىلەتتە چىڭ تۇرۇشتا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باش نىشان جەھەتتىن، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر جەھەتتىن، دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە جەھەتتىن ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقاتنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك؛ مالىيە - ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.