باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

لى يىفېي ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى

باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: باش تېما تەربىيەسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يېقىندا ئادەتتىكى پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 - باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا خىزمىتىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، پارتىيە ياچېيكىسى ئەزالىرى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇردى. لى يىفېي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشى چوڭقۇر، ئەتراپلىق بوپتۇ، تۈزىتىش تەدبىرلىرى كونكرېت ئىكەن، يولغا قويۇشقا بولىدىكەن، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئېچىلدى، كېيىنكى قەدەمدە ئاچقۇچ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش تېما تەربىيەسىگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، ياچېيكىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، جەزمەن باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئورگانلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي، پۇختا زىممىسىگە ئېلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر ۋاقىت دىققەتنى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىر ئىشتا ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئېھتىياتچان، ئەتراپلىق بولۇش، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پوزىتسىيەسىنى خىزمەتكە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پاك - دۇرۇس بولۇش، تەلەپچان بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئالدىدا مېڭىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.