جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى يۈ يەنخۇڭ، قازاقىستان خەلقئارا ئۇچۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكادېمىكى ۋىلادىمىر سىتېرماخ سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، ئورتاق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش - سەھىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپ دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، داۋالاش - سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «ساغلاملىق يىپەك يولى» بەرپا قىلماقتا. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇنبەردە ئەقىل - پاراسەت ئاۋازىنى بايان قىلىپ، ئېسىل كۆز قاراشلارنى ھەمبەھرىلەپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك كەسپىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۈ يەنخۇڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇنبەر جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتلىك سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يۈ يەنخۇڭ مۇنداق تەشەببۇس قىلدى: باشلىقلار يىغىنى تىزىملىكى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش ۋەزىپە قىلىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا يۇقىرى سەۋىيەدە مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ ئاساسىي مەقسەت قىلىش، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەسىنىڭ مۇلازىمەت - سودىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك تۇتقا قىلىش، يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتلىشىش ۋە سىياسەت جەھەتتە پىكىرلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى مۇھىم كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىش كېرەك.

ۋىلادىمىر سىتېرماخ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 100دىن ئارتۇق دۆلەت قاتناشتى. كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان بۇ خىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە نۇرغۇن قاتناشقۇچى سانى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمكارلىقى مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە پايدىلىق.

دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خۇاڭ لۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ شياۋگۇاڭ، ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك ئىلمى ئەمەلىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى رەشىد ئابدۇللايېۋىچ ئاساسىي مەقسەت دوكلاتى بەردى.

ليۇ سۇشې مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتىن كەلگەن ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت ئىچىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت تېبابىتى ئۇستازلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە قىسمەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.