ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ما شىڭرۇي 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى قىلىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆزىتىشى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي جەھەتتە، ئىدىيە جەھەتتە، تەشكىلىي جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە، ئىنتىزام جەھەتتە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى كۆزىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەقىقىي تۈردە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى تاشقى تەلەپتىن ئىچكى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقى، زىيانلىقلىقىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمچىلىك ۋە ئەيىبنى دادىل ئاشكارىلاپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا، ئەمەلىي تېپىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىش»نى ياخشى قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دۆلەت كارخانىلىرى پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈزىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا بىرمۇبىر تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، مەسىلىلەرنى بىر - بىرلەپ جايىدا ھەل قىلىشى كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ئۆستۈرۈش جەريانى قىلىپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دىققەتنى كارخانىلارنىڭ ئاچقۇچلۇق كەسپى، ئىسلاھات نۇقتىلىق ساھەسى، تىجارەت مۇھىم ھالقىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ بىرمۇ بىر تەكشۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېغىر، زور مۈلۈك زىيىنى ياكى ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى - جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كارخانا ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىركەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەھبىرىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈش، باھالاش، تەيىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردە مۇنەۋۋەر بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، توپلاپ، ياخشى ئىشلىتىپ، جانلىق ئىشلىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن دۆلەت كارخانىلىرى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.