ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يېقىندا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ئۆلچەم مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى كولىن ۋاجيا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مىللەت، دىن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇلدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى بەزى كۈچلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە توقۇپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىگە قارا چاپلىدى ھەم بۇنى باھانە قىلىپ شىنجاڭنى يولسىزلىق بىلەن چەكلىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ پىتنە - ئىغۋا، ئەيىبلەشلەر شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات مەنپەئىتىگە ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شىنجاڭ ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى بىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پائال ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن، باراۋەر، بىخەتەر، ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە شارائىتتا قەدىر - قىممىتى بىلەن خىزمەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك خىزمىتىمىز پۈتۈنلەي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش، بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، شەخسنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، بىزدە يېتەرلىك جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار، چەت ئەلدىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ ئادىل، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىگىلەپ، «سۈزگۈچ ئەينەك» ئىشلىتىلمىگەن، ھەقىقىي گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ليۇ سۇشې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.