شەرقىي تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى توكدان» قۇرۇلۇشى قىزىپ كەتتى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

چۆللۈكتە يېشىل توك چىقىرىلدى، تىك چوققىلار ئارىسىدا سۇ ئامبىرى قۇرۇلدى

شەرقىي تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە «دەرىجىدىن تاشقىرى توكدان» قۇرۇلۇشى قىزىپ كەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ: دېڭىز يۈزىدىن 2247 مېتىر ئېگىزلىكتە، تىك يار بويىدىكى يوللار كېڭەيتىلىۋاتقان بولۇپ، بىر سۇ ئامبىرىنىڭ دەسلەپكى شەكلى بىلىنەر - بىلىنمەس كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۇ يەردىن تۆۋەنگە نەزەر سالغاندا، ئاق شايى كەبى سوزۇلغان تاشيولنىڭ قاتمۇقات تاغلار ئارىسىغا يېيىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئاستى تەرەپتىكى يەنە بىر سۇ ئامبىرى شەكىلگە كىرىپ بولغانىدى. ئاياغ ئاستىمىزدىكى تاغلار ئارىسىدىن شامال چاقپىلىكىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى بىلىنەر - بىلىنمەس ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بۇ يەر قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ تىيانشان يېزىسى قوراي كەنتىدىكى قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئىدى. 2247 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئورۇن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ئورنى ئىدى. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ لايىھەدىكى توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 49 مېتىر بولۇپ، پۈتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئامبار سىغىمچانلىقى 7 مىليون 440 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان تاغ ئارىسى تەكشى كۆلىگە ئايلىنىدىكەن.

يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى بىلەن بولغان ئېگىزلىك پەرقى 474 مېتىر كېلىدىغان تاغ ئارىسىدىكى ئومۇمىي ئامبار سىغىمچانلىقى 8 مىليون 770 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىدا ئامبار رايونى قېزىلىۋاتاتتى ۋە توسما قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتاتتى. تاغ شامىلى گۈركىرەپ چىقىۋاتاتتى، ئەتراپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنى ئالدىراشچىلىققا تولغانىدى.

«قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىدا ئېقىن مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇلدى. نۆۋەتتە، ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەر ئاستى زاۋۇت ئۆيى ئۆڭكۈرى، تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىنى قېزىش ۋە توسما گەۋدىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشلىرى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.» 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور شۈ خۇڭۋېي ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا 8 مىليارد 230 مىليون يۈەن ھەرىكەتچان مەبلەغ سېلىندى، 300 مىڭ كىلوۋاتلىق تۆت گېنېراتور گۇرۇپپىسىنى ئورنىتىش لايىھەلەندى، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، 2020 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان، 2027 - يىلى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش، 2028 - يىلى تۆت گېنېراتور گۇرۇپپىسىنى تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 368 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇش پىلانلاندى.

قومۇلدىكى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتر ئىستانسىسى تۆۋەنكى سۇ ئامبىرى، يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى، سۇ يەتكۈزۈش سىستېمىسى، يەر ئاستى زاۋۇت ئۆيى ۋە يەر ئۈستى كەيگۇەن پونكىتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن تەركىب تاپقان. ئېلېكتىر تورىدا توك ئىشلىتىش مىقدارى تۆۋەن بولغاندا، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپتىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئېلېكتىر تورىغا كىرگۈزۈلمەيدىغان ئارتۇق توكنى ئىشلىتىپ، يۇقىرىقى سۇ ئامبىرىغا سۇ تارتىدۇ. يۇقىرىقى سۇ ئامبىرىغا سۇ قاچىلانغاندىن كېيىن، ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرى پەللىسىدە تۆۋەنكى سۇ ئامبىرىغا سۇ قويۇپ بېرىلىپ توك تارقىتىلىدۇ. تەكرار ئايلىنىش ئارقىلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى تولۇق ئىشقا سېلىنىپ، شامال كۈچىدىن ۋاز كېچىش، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ۋاز كېچىش ھادىسىلىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى چىقارغان تۇراقلىق توك كۈچى ئېلېكتىر تورىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ ۋە قوغدايدۇ، بۇ، ئېنېرگىيە ساقلاش سىغىمچانلىقى غايەت زور بولغان، ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى توكدان»غا باراۋەر.

«قومۇل سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى <يېشىل توك> ئارقىلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدۇ، چىقارغىنىمۇ <يېشىل توك> بولۇپ، پۈتكۈزۈلگەن ھەم تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئۈنۈم ھەر يىلى تاشكۆمۈر سەرپىياتىنى 239 مىڭ توننا ئازايتقانغا، 596 مىڭ توننا كاربون (IV) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر. ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئاساسلىقى شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدا <شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى>دىن ئىبارەت يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش، ئىشلىتىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ، شەرقىي شىنجاڭدىكى يېڭى ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاشتىكى مۇھىم قورال بولۇپ، شىنجاڭ ۋە غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى بويىچە يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش، چاستوتىنى تەڭشەش، سىستېمىنى زاپاس تەييارلاش ۋە بىخەتەر، مۇقىم ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ» دېدى شۈ خۇڭۋېي.