جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

日期:2023年09月01日
来源:新疆日报
【字体:

ما شىڭرۇي، يىن خۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى


8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىېتىتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يىن خۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ قۇمۇز دوسباي داڭلىق ئوقۇتقۇچى ئىشخانىسىدا قۇمۇزغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يىن خۇڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، جياڭشى بىلەن شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئالاقىدار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر، پۇختا تەرەققىياتىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جياڭشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاتۇشتا ئېچىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر يىلدىن كېيىن شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇزاقتىن بۇيان، جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش، كەسىپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يىرىك پىلاننى تۇتقا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ، چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. ھازىر، جياڭشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئوخشاشلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ جياڭشى پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئۈچ چوڭ ئېگىزلىك» بەرپا قىلىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيە»نى يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى بوشلۇقنى كۈتۈۋالدى. جياڭشى ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىشى مۇقەررەر جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاساس سېلىپ، ئۇزاق مەزگىل نەپ يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ، مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ نەپ ئېلىشنى كۆزلەپ، ئەۋزەل كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز خاسلىقىغا ئىگە بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمتۈرتكە بولۇش تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۆزلەپ، ئىككى جاينىڭ خادىملار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، بېرىش - كېلىش قىلىشىنى، مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلاپ، ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. شىنجاڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى شارائىت يارىتىپ، قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالاقىلىشىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

يىن خۇڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جياڭشىنى گۈللەندۈرۈش دېمەكتۇر» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە ئاقتۇنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشقان، جياڭشى خاسلىقىغا ئىگە بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جياڭشىغا تاپشۇرغان سىياسىي ۋەزىپە، شۇنداقلا جياڭشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان شەرەپلىك بۇرچى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز؛ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، جياڭشى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئۆي جاھازلىرى كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، زورايتىشىغا مەدەت بېرىمىز؛ شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي كۈچ جەھەتتە ياردەم بېرىشنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلار بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئېلىپ كەتمەيدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىمىز؛ شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ياردەم بېرىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ماھارەت بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جياڭشى - شىنجاڭ ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىمىز؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جياڭشىنىڭ قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. جياڭشى ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر، دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلىرى، رايون، ناھىيەلەر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەر، كارخانىلار بىلەن كەسىپ تۈرلىرى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. يىغىندا يەنە ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قىزىلسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قىزىلسۇ ئوبلاستى جياڭشى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى، ئاقتۇ ناھىيەسى رۇيجىن يەسلىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، قىزىلسۇ جۇڭيى دوختۇرخانىسى يېڭى دوختۇرخانا تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسى ۋە موگۇ بازىرىغا بېرىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

جياڭشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لى خۇڭجۈن، رېن جۇفېڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.