جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ئەرزىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا يىغىن ئاچتى، يىغىندا 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ھەمدە باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەرزىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىكى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «جەنۇبتا كەلكۈن، شىمالدا قۇرغاقچىلىق» ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ئاجىز ھالقىلاردىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى سىجىل كۈچەيتىش، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەم كەلكۈن مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا سۇ ساقلاش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا سۇ ئىشلىتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ھازىر بار بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سۇ مەنبەسىنى تەڭشەپ تەقسىملەش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇ ئىشلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك پەرۋىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھادىسە يۈزبېرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا دۇربان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى «ئامېرىكا - جۇڭگو ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلارغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇپا، ۋاسىتىلەرنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تاشقى ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك تاشقى ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئالاقىدار پىكرى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، تەكرار ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تۈزەش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت تارماقلىرى ۋە ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك.