قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرەيلى

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

■ شىنجاڭ گېزىتى باش ماقالىسى

سەمىمىي غەمخورلۇق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ئىللىتتى، غايەت زور ئىلھام جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەن پەيتتە، يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئېلىپ، چەكسىز روھلىنىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.

بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئىدىيە يۈرۈش مۇساپىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر قېتىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى، رول تۇتۇپ يول باشلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. باش شۇجى بۇلتۇر 7 - ئايدا شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ، شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشى، مېھىر - مۇھەببىتىنى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەر يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى يەنىمۇ بېيىتىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئېنىق بولىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىلھام بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىشەنچ، ئىرادىنى يەنىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلىشىمىز كېرەك. باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، سەمىمىي ئۈمىد كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەزمەن يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش كېرەك. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كىشىلەر قەلبىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇستەھكەملەش نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دېڭىز دولقۇنى ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، كۈرەش قىلىش قەدىمى مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۈمىدنىڭ مۇھىملىقىنى، مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇرچنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماي، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشايلى.