مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز

日期:2023年08月29日
来源:新疆日报
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش كۈزدىكى شىنجاڭدا ئاسمان كۆپكۆك بولۇپ، ھەممە جايدا تىنچ، ئىناق كەيپىيات نامايان بولۇپ تۇراتتى.

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئەھمىيەت بېرىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭقۇر كۆيۈنۈشى، مېھىر - مۇھەببىتى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا زور ئىلھام بەردى، ئۇلارنى چەكسىز روھلاندۇردى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز.

مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىمىز

«بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىۋى مۇسابىقىسىنىڭ تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى (قەشقەر شەھىرى بېكىتى) پائالىيىتى تەۋەلىكىمىزدىكى خەلق مەيدانىدا باشلاندى، نەچچە مىڭ كىشى مۇسابىقىگە قاتناشتى، نۇرغۇن ئامما كۆردى» دېدى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئۆستەڭبويى ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى شېن گۈيشۇاڭ.

ساقچىخانا تەۋەلىك رايونىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر ئېقىمى بىر كۈندە 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، يېرىم كېچە بولۇپ كەتسىمۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ. ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ساقچى ياردەمچىلىرى يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە نۇقتىلاردا مۇھاپىزەتتە تۇرۇپ، نورمال مەزگىلدە لىنىيەنى چارلاپ، ساقچىلارنى كۆرۈش نىسبىتى، ئىش باشقۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىنچ - ئامانلىق، ئىناقلىقنى قوغدىدى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرى تىرىشىشنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى. «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تەۋەلىك رايوندىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى دەل جايىدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز» دېدى شېن گۈيشۇاڭ.

خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ «جەنۇبىي دەرۋازا»سىغا جايلاشقان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

خوتەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەخمۇت مامۇت مۇنداق دېدى: «بىز مەۋقەنى قېزىلما بايلىق، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرگە قويۇپ، ئۇلارنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىمىز».

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ خۇي مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، تىرىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىمىز.

مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز

باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە بولغان مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى <ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت>نى كۆزلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىزغا بولغان نەق مەيداندىكى يېتەكچىلىك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما گوچياڭ ھەسسىلەپ روھلاندى.

ما گوچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەت قاتلىمىدا ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇش ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساس، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئادىل، ھەققانىي مۇھىت بىلەن تەمىنلەيمىز.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى سىياسىي - قانۇن شۆيۈەنى بىلەن مەكتەپ - يەرلىك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش، سۇپىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە تېمىنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. «مەيلى مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا بولسۇن، ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە بولسۇن، بىز ھەممىسىدە قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش بېجىرىش، تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى شياۋبىڭ.

«سوتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۈرلۈك دېلولارنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق قاراپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە ئەمەلىي ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالارغا ئەمەلىي بولغان ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمەن، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 - كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى ئابلا مەخسۇت ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ تىنچ - ئامانلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە يېرىدە تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت نامايان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم پۇرسەت مەزگىلى كۈتۈۋېلىندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

«خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىگە ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر - كادىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لۇ رۇڭئەن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بويىچە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، ئىجادىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىنى قاپلاشتىن كەنت، مەھەللىلەرگىچە ئۇزارغان 5366 ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»نىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

لۇ رۇڭئەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشكە تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، قانۇن بويىچە تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پائال تۆھپىسىنى قوشىمىز.

«بىزنىڭ ئولتۇراق رايوندا ئائىلىلەر ئاز بولۇپ، بىرمۇ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى شىركىتى ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇشنى خالىمىغاچقا، تازىلىق مۇھىتى مەينەت، قالايمىقان، ناچار ئىدى. مەھەللىدە ئۆي - جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇھىت ياخشىلاندى، بىزمۇ تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇق.» چاقىلىق ناھىيەسى چاقىلىق بازىرى لوۋلەن مەھەللىسى جياخې خۇافۇ «پۇقرالار كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى»دا ئاھالە خې شياۋتىڭ شۇنداق دېدى.

بۇ، چاقىلىق ناھىيەسى ئىزدىنىپ تېپىپ چىققان «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەش، ياچېيكا تۈرتكە بولۇش، ئامما قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش يېڭى يولىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى رېن خۇڭلىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىغا ھەقىقىي تايىنىپ بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمىز، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايمىز، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز.

«شىنجاڭ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، كەڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى» دېدى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز.

ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق بىلدۈردى: تېزدىن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز.