كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ئوچۇق-يورۇق بالا» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈرى 40قا كېڭەيتىلىدۇ

日期:2023年08月28日
来源:新疆日报
【字体:

بۇ يىل كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ئوچۇق-يورۇق بالا» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈرى 40قا كېڭەيتىلىپ، ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنىپ، قاپلاش دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە كېڭەيتىلىدۇ.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ئوچۇق-يورۇق بالا» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش شەكلى بىلەن كەسپىي جەمئىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ مەھەللىلەردە تۇرۇپ ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇلازىمەت تۈرىدىكى تۈر. 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى مەھەللىدە نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل تۈر دائىرىسى 40 مەھەللىگە كېڭەيتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا 18 تۈر مەھەللىسى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مۇلازىمەت پائالىيىتى تىزىملىكىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «5+X» تىزىملىك شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلىگەن، بۇ، يەككە دېلو مۇلازىمىتى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار كىچىك دەرسخانىسى، پارتىيەگە تەلپۈنگەن قەلب بىلەن تۆت تارىخنى ئۆگىنىش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مېھىر-شەپقەت تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىق بەش جەزمەن تاللاش تۈرى ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، جۇڭگو مەدەنىيىتى تەربىيەسى، ئۆزىنى ئۆزى قوغداش تەربىيەسى، قېرىنداشلىق مېھرى ماي قاچىلاش پونكىتى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى، ياشلار دوستلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى، ئارزۇنى قاناتلاندۇرۇشتىكى كىچىككىنە تىلەك، باشقا ئۆزگىچە پائالىيەتلەر قاتارلىق ئۆزى تاللايدىغان 10 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە «كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى + جەمئىيەت خىزمىتى + پىدائىيلار» مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمە جەمئىيەت ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرىدىكەن.

ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى جەمئىيەت خىزمىتى ئاپپاراتلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى قوغداش تەربىيەسى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە ئائىلىنىڭ مەھەللە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

​تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «ئوچۇق-يورۇق بالا» ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئائىلىسى تۈر نۇقتىسى قانات يايدۇرغان تۈرلۈك تور ئىچى ۋە تور سىرتىدىكى پائالىيەت جەمئىي 2963 مەيدان بولۇپ، پائالىيەتكە بىۋاسىتە قاتناشقان ياشلار، ئۆسمۈرلەر 43 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، تۈرلۈك كىچىك ئارزۇدىن 605ى ھەل قىلىنغان.

پايدىلانغان مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى