228 نەپەر ياش كەنت كادىرىنىڭ «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»سى بار بولدى

日期:2023年08月27日
来源:新疆日报
【字体:

بۇرچىندا:

228 نەپەر ياش كەنت كادىرىنىڭ «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»سى بار بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋبىڭ

«مەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان چاغدا، كەنتنىڭ بەزى خىزمەتلىرىگە ئىشەنچىم يوق ئىدى. لېكىن 1 ـ شۇجى، ياردەم بېرىپ يېتەكلەيدىغان <يېتەكچى ئوقۇتقۇچى> فېڭ شۇجىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ناھايىتى تېزلا ئىشلارنىڭ باش ـ ئايىغىنى ئېنىقلاپ، خىزمەت ۋەزىيىتى ئاچتىم.» 8 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېگىز تۆپە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تېلېۋبېك توقاي ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلغا ئالغاندا، چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى «ئەلالىرىنى تاللاش، كۈچ قوشۇش، ئەمەلىي ئىشلەش» پىرىنسىپى بويىچە، «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، باشلامچى يول باشلاش» مېخانىزمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەستىقلاش، ئىدارە تاللاپ ئەۋەتىش، كەنت مەھەللىلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش» ئەندىزىسى بويىچە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋاسىتە قىلىنىپ، ۋىلايەت، ناھىيە ئورگانلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىن 73 مۇنەۋۋەر كادىر كەنتكە بېرىپ 1 ـ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تاللاپ ئەۋەتىلدى، ئۇلار «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى» بولۇش سۈپىتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياكى ياش كەنت كادىرلىرى بىلەن «بىرگە بىر» ياكى «بىرى كۆپكە ياردەم بېرىش» قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

قىزىلتوغاي كەنتىدە بىرنەچچە قېتىم كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ پىكرىدە ئىختىلاپ بولۇش، تەدبىر بەلگىلەشتە بىرلىككە كېلەلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىدىن، كەنتنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا تەسىر يەتكەنىدى. بۇ تېلېۋبېكنىڭ بېشىنى بەك قاتۇردى، ئۇنىڭ «يېتەكچى ئۇقۇتقۇچىسى» − ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئالتاي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىدىن بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئېگىزتۆپە يېزىسى قىزىلتوغاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى فېڭ جىنچېڭ ئەھۋالنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەندىن كېيىن، كەنتنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بەردى ھەم كوللېكتىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئېنىقلاپ، داۋلىسى بار، ئاساسى بار ياردەم بېرىش، يېتەكلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنى تولۇق قايىل قىلدى.

ياش كادىرلارنىڭ كەنت ئەھۋالىغا پىششىق بولماسلىق، خىزمەتكە پىششىق بولماسلىق، خادىملار بىلەن پىششىق تونۇشماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى» دىققەتنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، بىرىنچى سەپتە ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ئارقىلىق، «شاگىرت»لارنى تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشىشكە، كەسىپكە پىششىق بولۇشقا يېتەكلىدى. ھەم «ئۇستاز ـ شاگىرت» ئورتاق «بىر ئەمەلىي ئىشنى يېتەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش، بىر تۈرگە مەسئۇل بولۇش، بىر زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش» ئارقىلىق، پۈتۈن جەرياندا ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يۈكلەپ، قولمۇقول تەجرىبە ئۆگىتىپ، ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ، «شاگىرت»نى 1 ـ سەپتە خىزمەت قىلىش داۋامىدا تەجرىبە توپلاپ، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىنىڭ «كېسەللىك ئوچىقى»نى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە «يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»نىڭ ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشىدە پۈتۈن ناھىيەدىكى 228 ياش كەنت كادىرى تېزلىكتە خىزمەت ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، خىزمەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.