قۇرۇتنى تېخىمۇ يىراقلارغا «بېرىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن

日期:2023年08月27日
来源:新疆日报
【字体:

نۇرسىلا كامال:

قۇرۇتنى تېخىمۇ يىراقلارغا «بېرىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لىڭ

8 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، ئالتاي شەھىرى سارخولىسۇن يېزىسى قۇرغاتوغان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرسىلا كامالنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، سۈتنىڭ قويۇق خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، نۇرسىلا ئېرى سۇلتانبېك جارقىن بىلەن كىچىك تىپتىكى سۈت سېغىش ئۈسكۈنىسىدە پىششىق مەشغۇلات قىلىپ سۈت يىغىۋاتاتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، ساقلاش باكى يېڭى سۈت بىلەن لىق تولدى.

بۇ ئىككى كۈندە، نۇرسىلا بېيجىڭدىن كەلگەن 500 كىلوگىرام قۇرۇت ۋە سېرىق ماي زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ ئېرى بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ تەييارلاپ، زاكازنى قەرەلىدە تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بۇ يىلدىن بۇيان، <تور + تور سىرتى> سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، بىز 7000 كىلوگىرامغا يېقىن قۇرۇت ۋە 3000 كىلوگىرام سېرىق ماي زاكازىنى تاماملىدۇق، سېتىش سوممىمىز 220 مىڭ يۈەندىن ئاشتى» دېدى نۇرسىلا.

ئىلگىرى نۇرسىلا ئائىلىسىدىكىلەر تۆت سىيىر بېقىپ يېڭى سۈت سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىغا ئەگىشىپ، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئاستا ـ ئاستا كېڭەيتىپ ھەم كالا نەسلىنى ياخشىلاپ، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ياكى يېڭى سۈت سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى، ئۇلار سۈتنى موتوسىكلىت مىنىپ يەتكۈزۈشتىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يەتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىپ سېتىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى.

ئۆيىدىكى سىيىرنىڭ سانى كۆپەيدى، يەنە ۋاقىت تېجەپ قېلىنغاچقا، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەندە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.

2019 ـ يىلى، نۇرسىلا ئائىلىۋى كىچىك ھۈنەرخانا شەكلىدە ئىگىلىك تىكلەش يولىنى رەسمىي باشلىدى. ئۇ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر شەكلىنى ئىشلىتىپ سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساشتا چىڭ تۇردى، ھەربىر ئىش تەرتىپىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن قىلدى. مۇشۇنداق چىڭ تۇرغانلىقتىن ئۇ ياسىغان قۇرۇتنىڭ تەمى ساپ، يېيىشلىك بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئاستا ـ ئاستا، نۇرسىلا قوبۇل قىلغان زاكازلار كۆپىيىشكە باشلىدى، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ تەم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ تاتلىق، چۈچۈمەل، ئەسلىي تەمدىكى قۇرۇتلارنى ياسىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرسىلا ئائىلىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشاتلاشتى. «سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ئۆگىنىۋالغان بىر تۈرلۈك ماھارەت، بۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى <ئىشىك چېكىدىغان خىش> بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەن بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بۇ تېخنىكىنى باشقىلارغا ئۆگىتىپ، كۆپچىلىككە ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىپ، قولۇم ـ قوشنىلارنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىدىم» دېدى نۇرسىلا.

«ھازىر توردىن مال سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق سېتىش شەكىللىرى بىزگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە كۆزنەك ئېچىپ بېرىپ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى، بىز تېخىمۇ كەڭ بازار بىلەن ئۇچرىشالايدىغان بولدۇق، مەن ياسىغان قۇرۇتلار بېيجىڭ، شاڭخەيلەرگىچە سېتىلدى...» نۇرسىلا مۇنداق دېدى: قۇرۇتنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىشقا ئىشەنچىم بار.