جاسارەت بىلەن پالاق كۈچەپ ئۇرۇلدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك بولدى

日期:2023年08月27日
来源:新疆日报
【字体:

​− شىنجاڭنىڭ يېرىم يىللىق ئىقتىسادىغا نەزەر

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

جاسارەت بىلەن يەلكەن چىقىرىپ، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاش، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەدرىجىي قويۇپ بېرىش، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ياز بىلەن كۈز ئالمىشىۋاتقان پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلانماقتا، تۈرلەر قەد كۆتۈرمەكتە، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» تەرەققىيات ئېگىزلىكىگە ئايلانماقتا ئىدى. ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، پورتلاردا، كىشىلەرنىڭ سەپىرى راھەتكە تولدى، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلاشتى. يولۇچى توشۇش مىقدارى، ئىمپورت - ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارىدا كەينى - كەينىدىن يېڭى سەۋىيە يارىتىلىپ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نامايان قىلىنىپ، چەكسىز ھاياتىي كۈچ قويۇپ بېرىلدى.

يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى مەزمۇت بېسىلدى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى سىستېمىلىق پىلانلىدى. 3 - ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون كەينى - كەينىدىن ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت ياراتتى.

5 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى(2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى مەزمۇت بولۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان، سېلىنما، ئىستېمال، ئېكسپورتتىن ئىبارەت «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا»نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچىيىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولۇپ، غەيرەت - شىجائەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى نامايان قىلغان.

بولۇپمۇ مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.2 ئېشىپ، يۇقىرى ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ بارغانسېرى چوڭ تاشلانغانلىقىنى نامايان قىلدى.

كەسىپ ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى، چارۋىچىلىق كەسپى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، چوشقا، كالا، قوينىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بازار تەمىناتىنى يېتەرلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى؛ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشتى، ئېنېرگىيە كەسپى مۇقىم تىرەك بولدى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ مۇلازىمەت كەسپى تېز ئەسلىگە كەلدى، قاتناش - تىرانسپورت كەسپى تېز ئاشتى، 1 - ئايدىن 5 - ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 151 مىليارد 218 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 ئاشتى.

مۇلازىمەت كەسپىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.3، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

كۆمۈر سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 211 مىليون 512 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى «پۇختا تىرەك» بىلەن تەمىنلىدى.

بىر قاتار سانلار شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدىكى يېرىم يىللىق «نەتىجە قەغىزى» بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئۆسۈۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى. «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قەدىمى مەزمۇت، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۈچلۈك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى تەن يۇڭشيەن.

پۇرسەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدىكى «ئالتە چوڭ ئەۋزەللىك» تەھلىل قىلىندى، يەنى: سىياسىي ئەۋزەللىك، سىياسەت ئەۋزەللىكى، ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى، تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكى، غايەت زور ئۈستۈنلۈك ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى.

ھازىر، بۇ ئەۋزەللىكلەر تېز قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا چەكسىز پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، سېلىنمىنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولماقتا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى(دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

خوتەن ۋىلايىتىدە مول كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بار. «غايەت زور ئۈستۈنلۈك ئەۋزەللىكى»گە تايىنىپ، خوتەن ۋىلايىتى يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يىل شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جىسۈن لىتىي كەسپى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق كارخانىلارنى خوتەن ۋىلايىتى كۇنگاڭ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(رەڭلىك مېتال كەسىپلەر باغچىسى)غا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ بىر تۈركۈم لىتىيلىق تۇز تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشى شىنجاڭنىڭ لىتىيلىق تۇز كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسىپ ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەن بولغان لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ۋاقىت قوغلىشىپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە، ئىلگىرىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» ئۈزلۈكسىز تۈردە مەبلەغ سېلىش ئېگىزلىكىگە ئايلانماقتا.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئاشقان. «ئىچكىرى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ئاشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ شېڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر تۈرىدىن 194ى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىندى، رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 79 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.62 ھەسسە ئاشتى.

بايلىق ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىمۇ تولۇق نامايان بولدى.

پورت سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، شىنجاڭدا گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن 20سى بار. بۇلتۇر، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %75.1 ئاشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %68.2 ئاشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %75.9 ئاشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى %14.8 ئاشتى. ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى «ئالتۇن قىممىتى»نى نامايان قىلماقتا، «ئالتۇن ئۈنۈمى»نى ياراتماقتا.

ئاۋاتلىشىشتىن قارىغاندا، ماگنىت مەيدانى ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى

ئايرودۇرۇم ۋە رېلىسلىق قاتناش يولۇچى ئېقىمى مىقدارى شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۆلچەيدىغان «بارومېتىر».

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يولۇچى توشۇش مىقدارى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 161 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ھازىر، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى ئېقىمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىدە 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن ئېشىش كۆرۈلۈپ، كۈچلۈك جانلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولغان.

ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئۈرۈمچىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر بەس - بەستە داكا قىلىدىغان جاي.

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى سائەت 21دە، رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ يېقىلىشى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىغا كىردى. 80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يىپەك يولى تاماشا مۇنارى ئاستىدا، ناخشا - ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىقتى؛ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى لىق تىزىلغان پىيادىلەر كوچىسىدا ئادەملەر مىغ - مىغ ئىدى. «ھازىر، مەنزىرە رايونىنىڭ كۈندىلىك ساياھەتچى ئېقىمى 130 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى» دېدى ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ لۇ.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ۋە ساياھەتتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %31.5 ۋە %73.6 ئاشقان بولۇپ، بۇ، 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن بىردەك زور دەرىجىدە ئاشقان. 7 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋاتلىشىش ھالىتى داۋاملاشتى، ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش - قونۇشى ئۆچرەت بولۇپ كەتتى، مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپەيدى.

ساياھەت قونالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى قونالغۇ كەسپىدە ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت سوممىسى 3 مىليارد 592 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.6 ئاشتى؛ نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى يېمەك - ئىچمەك كەسپىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت سوممىسى 4 مىليارد 343 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشتى.

ئىستېمالنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادقا، يەنە بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشىغا تۇتىشىدۇ. «بۇ يىل دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر خې گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەردىكى سودىگەرلەرنىڭ «2023 - يىللىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىستېمال ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ئىستېمال تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاتتۇق.

بايرام ۋە كۆرگەزمە ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭغا يەنە ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، جياڭگو مۇزىكا بايرىمى، مىدى مۇزىكا بايرىمى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈش بىلەن شىنجاڭ بىردىنلا ناخشا - ئۇسسۇل دېڭىزىغا ئايلىنىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ماگنىت مەيدانى شەكىللەندى، 7 -، 8 - ئايدىكى شىنجاڭ ئاۋات كەيپىياتقا تولدى.

مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق سۇپا ھازىرلاندى، بايرام ئارقىلىق ۋەزىيەت يارىتىلدى، شىنجاڭدا كىشىلەر توپلاندى، كەسىپلەر گۈللەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنى مەۋج ئۇردى.

خەلق تۇرمۇشىدىن قارىغاندا، مالىيە سېلىنمىسى بەخت - سائادەتنى سىجىل ئاشۇردى

تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەپ، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون مالىيەسى مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى 13 تۈرلۈك نۇقتىلىق ساھەگە 258 مىليارد 420 مىليون يۈەن چىقىم قىلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %78.9ىنى ئىگىلىدى، خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 300 مىڭ 800 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىلدا 460 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنىڭ %65.39ى تاماملاندى.

شىنجاڭ شىنجى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى 2020 - يىلى قۇرۇلغان دۆلەت مەبلىغى كارخانىسى بولۇپ، دىققىتىنى كۆمۈردىن بىرىكمە ئاممىياك، ئورىيا، بىرىكمە ئوغۇت، مېلامىن ئېلىش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك كۆمۈرنى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىياللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا قاراتتى. نۆۋەتتە بۇ شىركەت زاۋۇت ئۆيى سېلىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، كېلەر يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئۈچۈن، يېقىندا بۇ شىركەت شىنجاڭ داشۆ، شىخەنزە داشۆ، شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەردىن 240تىن ئارتۇقنى قوبۇل قىلىپ، ئالتە ئاپتوبۇسنى ۋوگزالغا يېڭى خىزمەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا ئەۋەتتى، ئۇلارغا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تامىقى، ياتىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلە ئىللىقلىقى كەيپىياتىنى ياراتتى. «كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ كەسپىي تېخنىكىغا بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى، ئىختىساسلىقلار شىركەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچ» دېدى شىنجاڭ شىنجى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فېڭ يۈخۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇندى. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ، بۇنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4977 كىلومېتىر. جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر رايونىدا تۇرۇبىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلمىگەن 23 ناھىيە، شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تۇەن - مەيدانلىرىنى قاپلاپ، تەخمىنەن 10 مىليون كىشىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ۋە ياخشىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسى نامايان بولدى.

ھەقىقەت يولى ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئالغا سىلجىتىلماقتا.