كېلىشىم ئىمزالاش نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇشقۇن ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

− تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىكى كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتىگە نەزەر

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ۋاڭ نا

ئېچىۋېتىش پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ھەمكارلىق تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2023 - يىللىق(جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم پائالىيەتنى كۈتۈۋالدى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى مەبلەغ جەلپ قىلدى − كېلىشىم ئىمزالاش تۈرىدىن 273نى توپلىدى، كېلىشىم ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 493 مىليارد 212 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - قاراردا 147 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى، كېلىشىم ئىمزالاش ئومۇمىي سوممىسى 2021 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىكىدىن 1.52 ھەسسە ئاشتى.

كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەربىر سان - سېپىر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، نەچچە يۈز مىليارد يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش كاتتا زىياپىتى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا بولۇشتەك كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلىدى.

مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى −

شىنجاڭغا ئۈمىد باغلىدى، ئىشەنچ يېتەرلىك بولدى

تەرەققىيات چىڭ داۋلى، مەبلەغ سېلىش چىڭ شەرت، تۈر چىڭ تىرەك، مەيلى كەسىپ تەرەققىياتى بولسۇن ياكى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولسۇن، مەيلى شەھەر قۇرۇلۇشى بولسۇن ياكى مۇھىتنى ياخشىلاش بولسۇن، ھەممىسى ھەربىر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكە بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

«بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، كەسىپلەرنىڭ يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر پۇختا بولۇپ، كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن.

ئىشەنچ ئالتۇندىنمۇ مۇھىم. نەچچە يۈز مىليارد يۈەن مەبلەغ شىنجاڭغا سېلىندى، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئىچىدە ھەم داڭلىق دۆلەت كارخانىلىرىمۇ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردىكى پۇقراۋى كارخانىلارمۇ بار. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانىلار 210 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 368 مىليارد 996 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.81 بولدى، بېيجىڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، شەندۇڭ قاتارلىق 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن كارخانىلار شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى تاللىدى.

«شىنجاڭ يېڭى دەۋردە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇنبەت تۇپراق، بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تولۇق» دېدى دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لى خەيچاۋ.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، بۇ شىركەت توقسۇن ناھىيەسى بىلەن «يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان خېيشەن كان رايونىدا يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى» بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى، 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بوشلۇق رېلىسى سىستېمىسى، كۆمۈرنى ساقلاش - توشۇشتىكى قاچىلاش - چۈشۈرۈش سىستېمىسى ھەم تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسى ۋە مەيدان - ۋوگزال سىستېمىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى. بۇ تۈر خېيشەن كان رايونىنىڭ تىرانسپورت ھەم ئىقتىدار كېڭەيتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ، يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى مول، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى ۋە شىنجاڭدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار كۆلىمى ئەڭ چوڭ كارخانا بولۇپ، «كۆمۈر ئېلېكتىر، تىرانسپورت، خىمىيە سانائىتى» بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشقا قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

«بىز تۇمشۇق شەھىرىگە مەبلەغ سېلىشنى تاللاشتا بۇ يەرنىڭ روشەن رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن بازار بوشلۇقى، ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى ئامىللارنى كۆزلىدۇق.» 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بىڭتۇەن ئۆتكۈزگەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ خۇاڭجيا داۋالاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ تېڭفېي مۇنداق دېدى: شىركەت «داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان، ئەمگەك مۇھاپىزەت پەلىيى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرى» بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

يۇقىرى سۈپەت −

دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈش

«يېڭى ئېنېرگىيە + توك (كان) كارتىسىنى ئالماشتۇرۇش بويىچە يېشىل ئېلېكتىر قاتنىشىدا ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» «يىلىغا 150 مىڭ توننا دىلۇن خىمىيەلىك تالا ئىشلەپچىقىرىش، 250 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يەل بىلەن يىپ ئېگىرىش، 500 دانە رەخت توقۇش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى» «يىلىغا 80 مىڭ توننا لىتىي ھىدروكسىد ھەم ئۇنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېزىش - لەيلىتىش سېخى تۈرى»... كېلىشىم ئىمزالانغان تۈر جەدۋىلىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەردىكى بىر چوڭ ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم تۈرلەر زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم يېتەكچىگە ئايلاندى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، يۇقىرى سۈپەت شىنجاڭنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشىدىكى «بوسۇغا سىزىقى». كەسىپ ئەۋزەللىكى «تۇتاشتۇرۇلۇپ»، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى «توپلاندى»، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلاش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىش، كەسىپ قىممىتىنى يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە قاراپ ئۆستۈرۈش، ئەۋزەل كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېلىشىم ئىمزالانغان بۇ بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە قومۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 16 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 41 مىليارد 333 مىليون يۈەن بولۇپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، «چوڭ» «يېڭى» «ئالاھىدە» بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلدى. ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى خېنەن لۇڭچېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈرنى دەرىجىگە ئايرىپ، سۈپەتكە ئايرىپ پەلەمپەيسىمان پايدىلىنىش تۈرىنى ئىمزالىدى، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 8 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشقا باشلىدى.

خېنەن لۇڭچېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جۇ شۇچېڭ مۇنداق دېدى: «قومۇلدا ماي تەركىبى مول كۆمۈر بايلىقى كۆپ. بىز ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈرنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇپ پارچىلاش تېخنىكىسى بىر قاتار قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۆۋەن سەرپىياتلىق، تۆۋەن بۇلغىمىلىق، تۆۋەن تەننەرخلىق، ماس قەدەمدە پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە ۋە يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارغا ئېرىشىدىغان كۆمۈردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىش يولىنى تەرەققىي قىلدۇردى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق».

گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «يىلىغا 3 مىليون توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى يىغىش، تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈش ھەم نېفىت ھەيدەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى»نى ئىمزالىدى. كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى يىغىپ پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش (CCUS) تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ مۇھىت سىغىمىنى بوشىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جەمئىي 17 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 102 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى. سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى جېڭ مىن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا توغرىلىنىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ بەرپا قىلىپ، كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ئەلا مۇلازىمەت −

«ئەڭ ياخشى شېرىك»لەردىن بولۇش

كارخانىلارنىڭ بەس - بەستە شىنجاڭغا ئۈمىد باغلىشىنىڭ ئارقىسىغا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچىگەنلىكى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرغانلىقى مۇجەسسەملەنگەن.

لى شۈەننىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا ئېيتقىنىدەك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سودا، سودىگەر چاقىرىش تارماقلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىدا تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش، شۆبە ئەترەت سودىگەر چاقىرىش، بۇلۇتتا سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ دائىرىدە، كۆپ قېتىم قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

تۇرپان شەھەرلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى يۇڭشيەن مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا «بىرىنچى قول رەھبەر» مەسئۇل بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق رەھبەرلىرى «باشلامچى بولۇپ قوماندانلىق قىلىپ»، باشلامچىلىق بىلەن سودىگەر چاقىرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سودىگەر چاقىرىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ، خۇنەن چاڭشادا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇرپان شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئۇدۇللىشىش، كەسىپلەر ئۇدۇللىشىش، تۈرلەر ئۇدۇللىشىش سۇپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەرپا قىلدى.

سانجى ئوبلاستى پۈتۈن كۈچ بىلەن «<زەنجىر>دىكى سانجى يىپەك يولىغا سىڭىشىش» سودىگەر چاقىرىش داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، سودا سۆھبىتى، ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر سۆھبىتى، كارخانىچىلار سەمىمىي سۆھبىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىشنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە «<زەنجىر>دىكى سانجى يىپەك يولىغا سىڭىشىش» داڭلىق ماركىسى بويىچە سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتىنى جەمئىي تۆت قېتىم قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 59 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 111 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

«بىز تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈر رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش يېشىل يولى ئېچىپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتىنى <بىرىنچى ئۆلچەم> قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى <بىرىنچى سىگنال> قىلىپ، كارخانىچى دوستلارنىڭ <ئەڭ ياخشى شېرىكى> بولىمىز» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى تۆت كارخانا بىلەن يورۇقلۇق ۋولت يېڭى ئېنېرگىيەسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى قاتارلىق تۆت تۈرگە چېتىلىدىغان 10 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى. شىنجاڭ تۇڭفېڭچاڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مىدۇڭ رايونى بىلەن «شىڭلۇڭ . يېڭىلىق يارىتىش پەن - تېخنىكا باغچىسى» تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى چياڭ مۇنداق دېدى: مىدۇڭ رايونىنىڭ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى ئىشەنچىمنى چىڭىتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، مىدۇڭ رايونى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەڭ ئاز، تەرتىپى ئەڭ قىسقا، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، سەمىمىيىتى ئەڭ ئەلا، مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى بولۇشتىن ئىبارەت «بەش ئەڭ» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كارخانىلارنىڭ «مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىيىنچىلىقى»غا كۆڭۈل بۆلۈپ، كارخانىلارنىڭ «تەرەققىيات قىيىنچىلىقى»نى ھەل قىلىپ، 143 تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ رەتكە تۇرغۇزۇلغان 159 تۈرلۈك قىيىنچىلىق، ئىلتىماس تەلىپىنى ئۇدۇللاشتۇردى ھەم ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رايون باشلىقى لياڭ جېن مۇنداق بىلدۈردى: كېلىشىم ئىمزالاش پەقەت باشلىنىش، مىدۇڭ رايونى مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنى بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.