«شىنجاڭدا چەكسىز پۇرسەت بار ئىكەن»

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

− جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، 13 دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى ئۆمەك تەشكىللەپ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى ھەم 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، كەلگۈسىدە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئىشەنچكە تولدى.

بۇ قېتىم شىنجاڭغا كەلگەن جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى لىۋان، ياپونىيە، رۇسىيە، مېكسىكا، بىرازىلىيە، تانزانىيە، يەمەن، كورېيە، مالايسىيا قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن. بەش كۈن جەريانىدا، جۇڭگودىكى چەت ئەل سودا - سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ ئىگىلىدى.

شىنجاڭ نامايان قىلغان ھاياتىي كۈچ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى خۇشال قىلدى، ئۇلار دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە سىجىل داۋاملىشىدىغان، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شىنجاڭ جۇڭگونى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا قاتارلىق رايونلار بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەن، بۇ بىر غايەت زور بايلىق.» قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، فىرانسىيەدىن كەلگەن ئاسىيا يىپەك يولى گۇرۇھى خەلقئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى مايكىل مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ تېز تەرەققىيات قەدىمىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم بۇنى پەقەت بىر باشلىنىش دەپ قارايمەن.

كونگو(كىنشاسا) جۇڭگو سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما بېرې ھاياجانلانغان ھالدا: «شىنجاڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن خېلىلا ھالقىپ كېتىپتۇ» دېدى. ما بېرې ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزا - كەنتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، بولۇپمۇ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ئىقتىسادى، بولۇپمۇ يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئالاقىدار ساھەلەردە زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مىسىر ھېكمەت مەدەنىيەت گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سەيىد جۇڭگو تىلىدا ناھايىتى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بايلىق ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەگەر شىنجاڭ بايان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم، كىنو، كىتابلارنى ئەرەب رايونىغا ئېلىپ بارسا، چوقۇم زور ئالقىشقا ئېرىشىدىكەن. «بۇ يەردە، <ئىناقلىق> ۋە <سىغدۇرۇشچانلىق> تەڭداشسىز ئىكەن.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ئۆتىدىكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئورتاق تەرەققىي قىلىدىكەن، مەن ئەرەب دۆلەتلىرىگە جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى خالايمەن.

شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ سىجىل ئېچىۋېتىلگەن ھالىتىدىن رۇسىيە ئىتتىپاق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سېرگىي باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېلاستىكلىقى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.

«شىنجاڭدا چەكسىز پۇرسەت بار ئىكەن، مەن ناھايىتى تېزلا يەنە كېلىمەن.» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، لىۋان جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاسىم مۇنداق بىلدۈردى: بىز شىنجاڭدا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ تارىخىنى چۈشەندۇق، شۇنداقلا يېڭى يىپەك يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە گۇۋاھ بولدۇق. بۇ يىل «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى ئورنىتىپ، بىرلىكتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.