يول يىراق بولسىمۇ قەلبىمىز يېقىن، مېھىر - مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

− قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇمانغارىننى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن پىراكتىكانت لى جىڭ

2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇمانغارىن يەنە بېيجىڭ، سىچۇەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ قېتىمقى سەپەردە، يول يىراق بولسىمۇ قەلبىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مېھىر - مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى».

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى يۈكسەك تەرىپلىدى

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئىنتايىن ئۇلۇغۋار. ئون يىلدىن بۇيان، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى» دېدى جۇمانغارىن يۈكسەك تەرىپلەپ.

جۇڭگو تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلى جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 31 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.1 ئاشقان. جۇمانغارىننىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل 40 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

«نەتىجە سودىدىكى سان جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىمۇ ئىپادىلەندى» دېدى جۇمانغارىن.

نۆۋەتتە، قورغاس بىلەن ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى پورتتا «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس يولى ئېچىلىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا رايونلىرىنىڭ سودا ۋە ئالاقىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىلدى.

جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: يەنە جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە باقتۇ پورتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا، جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان تۆمۈريولنى كاسپىي دېڭىزىغىچە ئۇزارتىپ، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، تۈركىيەنى تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپاغىچە ئۇلاپ، خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدى.

«بۇ يول پۈتكەندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاۋارلارنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىش ۋاقتى ئون كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ» دېدى جۇمانغارىن.

شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى يوشۇرۇن كۈچىنى مۇھىم بىلىمىز

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ تاشقى سودىسى ئۈستىدە توختالغاندا، جۇمانغارىن بىر قاتار تۇتاش سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئىشقا ئاشۇرغان سودا سوممىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40كە يەتتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ سودا سوممىسى %90كە يېقىن ئاشتى...

قازاقىستان جۇڭگوغا ئاساسلىقى بۇغداي، گازىر مېيى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدۇ. «قازاقىستاندىن مەخسۇس ئاشپەز ۋە ئېسىل نازۇنېمەتلەرنى ئېلىپ كەلدۇق، ئەگەر پۇرسەت بولسا، شىنجاڭلىق دوستلار كۆرگەزمىگە كېلىپ تېتىپ باقسا بولىدۇ.» جۇمانغارىن ئېسىل نازۇنېمەتلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ رايوندىكى كىشىلەرگە قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇتۇشنى ئۈمىد قىلدى.

ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇمانغارىن شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدا ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمانغارىننىڭ قارىشىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىنتايىن چوڭ ئىستېمال بازىرى بولۇپ، قازاقىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايەت زور پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدىكەن. جۇمانغارىن قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك گۆش مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭغا ئېكسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. «بۇ گۆشلەرنىڭ ھەممىسى يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېمەكلىك، بىز توڭلىتىلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى يېڭى گۆشنى شىنجاڭغا ئېكسپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى جۇمانغارىن تەكىتلەپ.

قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ

قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. بۇنداق يېقىن مۇناسىۋەت توغرىسىدا جۇمانغارىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. «بۇ قېتىمقى جۇڭگو سەپىرىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» جۇمانغارىن مۇنداق دېدى: ھەربىر جايغا بارغاندا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، كارخانا ساھەسىدىكىلەر بىلەن ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدۇق.

جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، قازاقىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى شېرىكلىشىپ زاۋۇت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياسايدىغان ئىككى كارخانا بىلەن بۇ ھەقتە ئېنىق مۇددىئانامە ھاسىل قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، جۇمانغارىن يەنە جۇڭگونىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قازاقىستاندا دوختۇرخانا قۇرۇشىنى، جۇڭگونىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ رىشتى تۇتاش. جۇمانغارىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۈگۈنكى كۈندە، قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن جۇڭگوغا ئوقۇشقا كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىدىغان قازاقىستان خەلقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، قازاقىستان قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىشتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى تېزدىن ماقۇللاپ، خەلق ئىچى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقلەرنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتماقتا.