جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى دۇنياغا مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى چىرايلىق بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇرىدۇ

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 2023 - يىللىق «جۇڭگونىڭ گۈزەللىكىنى بايقاش» شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كەلدى، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كەيپىيات كۆپچىلىككە قەشقەرنىڭ كېچىلىك زىياپىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

باغچە كوچىسىدىكى ئائىلىۋى قونالغۇ كوچىسىدا، ناخشىچىلار گىتار چېلىپ كېچە مەنزىرىسىگە ئوخشاشلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىۋاتاتتى، توپ - توپ بالىلار چىراغ نۇرى چاقناپ تۇرغان كوچىدا قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى، قەھۋەخانىدىكى تىجارەتچىلەر بىر تەرەپتىن قەھۋە ئەزگەچ، بىر تەرەپتىن يېڭىدىن كىرگەن خېرىدارلارنى كۈتۈۋاتاتتى، كونا ناۋايخانا ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغان ساياھەتچىلەر مەززىلىك پۇراققا مەپتۇن بولۇپ بوينىنى سوزۇپ تونۇرغا قاراپ، مەززىلىك ناننىڭ تونۇردىن چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى...

دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى قەدىمىي شەھەردە ئايلىنىۋاتقاندا، دۇتار بىلەن داپ تەڭكەش قىلىنغان مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى، بىر كىچىك بالا ئۇسسۇل قەدەملىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كىچىك قوللىرى بىلەن مەيدىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ تۇرۇپ، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلدى.

سېيشېلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاننى لافورتىنا كۆز ئالدىدىكى بۇ ئوغۇل بالا ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى ساز چالغۇچىلاردىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، «شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ - ئادىتى قويۇق ئىكەن، تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن، مەن بۇ يەردىكى ھەربىر كۈندىن ئىنتايىن خۇشاللىق ھېس قىلدىم. مەيلى تۇرپان بۇيلۇقتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىدە بولسۇن ياكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى كوچىلاردا بولسۇن، مەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈمىدۋار، كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل، دوستانە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ مېھمانلارنى كۈتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، بۇ كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرىدۇ.» ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلغان ۋاقتىم ئانچە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كىشىنى تولىمۇ تەلپۈندۈرىدىغان جاي ئىكەن، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوستلىرىممۇ ماڭا بۇ ئاجايىپ گۈزەل جاينى تەۋسىيە قىلغانىدى، بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە تولۇپ تاشقان ئىللىقلىققا ئېرىشتىم. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى دوستلارنىڭ دېڭىز - ئوكيان مەنزىرىسىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن سېيشېلغا بېرىشىنى قارشى ئالىمەن.

بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى خەلق ئۆرپ - ئادەت كەنتىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ھەر خىل بازارلارغىچە، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك روھىي قىياپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى ئالىم مېھمانخانىسىدا، ئالىم ئاتاۋۇللا ئائىلىسىدىكىلەر مەززىلىك تائام ئېتىش ھۈنىرى، كۆپ مەنبەلىك تىجارەت قىلىش ئېڭى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئاددىي، نەپىس ھويلا - ئارانلىرىنى توردا ئالقىشلانغان ئائىلىۋى قونالغۇ قىلىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپتۇ.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى كەتمەن بازىرى تۆمۈرچىلىك كوپىراتىپىدا مىجىت مەمەت ۋە تۆمۈرچىلەر ئاتا - بوۋىلىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن تۆمۈر سايمانلارنى ياساش ھۈنىرىگە تايىنىپ مۇقىم كىرىم قىلىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە كوپىراتىپنى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان داكا نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپتۇ.

«مەن كۆرگەن شىنجاڭ ئاكتىپلىققا، ئىناقلىققا، تىنچلىققا تولغان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر مېنىڭ جۇڭگوغا بولغان تونۇشۇمنى كۆپ نۇقتىدىن چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مەنىۋى پەزىلەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» ئېكۋاتورنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى لۇئىس لوپېز مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ ئىجاد قىلىش جەريانىدا مول، رەڭدار قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل جۇڭگوغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭ قوشۇپتۇ.