شياڭگاڭدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى

日期:2023年08月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شياڭگاڭدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 20 كىشى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە كۈندە، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەنزىرە رايونى، مەكتەپ، يېزا - كەنت، مەسچىت، كارخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شەمشادلار ئوراپ تۇرغان تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ مېھرىنى ئۈزەلمىگەن ھالدا مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقى، سىنغا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شياڭگاڭدىكى ئىسلام دىنى ھاۋالىلىك فوند باش جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ئەيلىس مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ئىكەن».

مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولدى. شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەربىر ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر پارچە سۈرەت، ھەربىر بۆلەك سىندىن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى ھاڭ - تاڭ قالدى. شياڭگاڭ جۇڭخۇا ئىسلام دىنى مېھىر - شەپقەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تو رۇيكاڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭنىڭ تىنچ، گۈللەنگەن، ئىتتىپاق بولغان ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق - ئىناق، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم».

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى كۇتۇپخانا، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم دىنىي خادىملار بىلەن دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىسلام دىنى ساھەسىدە زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ.

شىنجاڭ مۇزېيىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ھېس قىلدى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ھۆججەت - ماتېرىياللىرى سارىيىدا، ئۇلار ئېسىل 12 مۇقام ئويۇنىغا مەپتۇن بولدى.

«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، ھازىرقى شىنجاڭ غەربتىكى بەزى تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان مەزمۇنلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن، بىز شىنجاڭدا جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىكەنلىكى، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ رەڭدار، گۈللەنگەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.» شياڭگاڭ ئىسلام دىنى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شىڭبېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار ۋە بازار ئايلىنىپ مال سېتىۋېلىۋاتقان كىشىلەر توپى ماڭا قويۇق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كەيپىياتنى ھېس قىلدۇردى. ئۈرۈمچىدىكى ئاق مەسچىت، نەنداسى مەسچىتىدە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىۋېتىپتۇ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ.

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سۆھبەتكە قاتناشقان خادىملار ئىككى جاينىڭ ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى بويىچە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىككى جاينىڭ ئىسلام دىنى ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.