ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى . ئوبراز丨ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان تېخنىكا! كىران شوپۇرىنىڭ 50 مېتىر ئېگىزلىكتىن «قونچاق تۇتۇشى»

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ليەنيۈنگاڭ شىندۇڭفاڭ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانى چەكلىك شىركىتىنىڭ كىران شوپۇرى چېن فېڭياڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كىران تۇتقۇچىنى باشقۇرۇپ يۈك ساندۇقلىرىنى ئېسىپ قۇراشتۇماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ليەنيۈنگاڭ يۈك ساندۇقى پىرىستانىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى«بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت شۆبە ئەترىتىمۇخبىرىيەر يۈزىدىن 50 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كىران كابىنكىسىغا رۇخسەت بىلەن چىقىپ، كىران شوپۇرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى.

كىران كابىنكىسىغا كىرگەندە، ليەنيۈنگاڭ شىندۇڭفاڭ خەلقئارا يۈك ساندۇقى پىرىستانى چەكلىك شىركىتىنىڭ كىران شوپۇرى چېن فېڭياڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن تۇتقۇچنى باشقۇرۇپ، يېنىغا باشقىلارنىڭكىرگەنلىكىنىمۇ بايقىمىدى. چېن فېڭياڭ50 مېتىر تۆۋەنلىكتىكى ئاسما قۇلۇپنى چىڭ كۆزلەپ، يۈك ساندۇقىنى يۈك پاراخوتىنىڭ يۈك ئىسكىلاتىدىن ئېلىپ پىرىستاندا توختىتىپ قويۇلغان يۈك ساندۇقىنى سۆرىگۈچى ئاپتوموبىل ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى، بۇنىڭغا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتەتتى، پۈتكۈل جەريان مۇقىم، دەل جايىدا تاماملىنىۋاتقانبولۇپ، خۇددى ئويۇنچۇق قىسقۇچ بىلەن «قونچاق تۇتۇش» مەشغۇلاتى قىلغانغا ئوخشاپ كېتەتتى.

«مەن 2005-يىلى پورتقا كېلىپ خىزمەت قىلدىم، دەسلەپتە كېشەك كىران بەنىگە تەقسىم قىلىنىپ، كېشەك كىراندا مەشغۇلات قىلىشنىئۆگەندىم، يۈك ساندۇقى پىرىستانىدىكى ئىككىنچى چوڭ مەشغۇلات ماشىنىسىنى ھەيدىيەلەيدىغان بولدۇم، ئەينى چاغدا ئىنتايىن خۇشال بولغانىدىم.»چېن فېڭياڭنىڭ ئېيتىشىچە، خىزمەتكە چىقىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن چېن فېڭياڭ يەنە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان تېخنىكىسى بىلەن يەنە قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىش ئورنىغا، يەنى ھازىرقى كىران ھەيدەشكە، پىرىستاندىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېگىز ماشىنا ئۈسكۈنىسىنىڭ شوپۇرلىقىغا تاللاندى.

چېن فېڭياڭ خىزمەت قىلغان بۇ ئون يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئون يىلدىن بۇيانقى ليەنيۈنگاڭ پورت رايونىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى. ھەر كۈندىكى ئېگىزدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قاراپ قىلىدىغان خىزمىتى ئۇنى باشقىلار كۆرەلمەيدىغان مەنزىرىلەرنى كۆرۈش پۇرستىگە ئىگە قىلدى. ئوخشاش بولمىغان دۆلەت تەۋەلىكى، ئوخشاش بولمىغان تونناژلىق چوڭ-كىچىك يۈك پاراخوتلىرى پىرىستانغا كىرىپ-چىقىپ، پورت رايونىغا كىرگەن-چىققان ماللارنىڭمىقدارى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، پىرىستاندىكى يۈك مەيدانىغا ھەر خىل رەڭلىك يۈك ساندۇقلىرى ئېگىز-پەس تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، يۈك ساندۇقلىرىنى سۆرىگۈچى ئاپتوموبىللار خۇددى ئۆچرەتتە تۇرغان چۈمۈلىدەك يۈك ساندۇقلىرىنى توشۇپ ئەكىرىپ، ئېلىپ چىقىپ تۇراتتى. «شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن توشۇغان يۈك ساندۇقلىرى ئىچىدە چوقۇم يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇلغانلىرىمۇ بار. ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش مېنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> ئۈچۈن قوشقان تۆھپەم»دېدى چېن فېڭياڭ.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىران شوپۇرى چېن فېڭياڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇتقۇچنى باشقۇرۇپ يۈك ساندۇقىنى ئېسىپ قۇراشتۇرماقتا.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىران شوپۇرى چېن فېڭياڭ كىراننىڭ مەشغۇلات ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، كىران شوپۇرى چېن فېڭياڭ بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىگەندىن كېيىن كەچكى شەپەق بىلەن تەڭكابىنكىدىن چىقىپ، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلاندى.

8-ئاينىڭ 9-كۈنى، ليەنيۈنگاڭ يۈك ساندۇقى پىرىستانىدا، قاتار كەتكەن كىرانلار خۇددى پولات-تۆمۈر گىگانت ئادەملەردەكپورت رايونىدىكى پىرىستاندا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى