بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاخىرقى بىكەتنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاخىرقى بىكەتنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟

بولىدۇ، تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش تارماقلىرى بارىدىغان بېكەتنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، يەنى يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، مۇساپە ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يېڭى مەنزىلنى قايتىدىن تاللاپ، بېلەتنى ئالدىن سېتىش مۇددىتى ئىچىدە بارىدىغان بېكەت ۋە پويىزغا چىقىش ۋاقتى، پويىز قېتىمى، ئورۇندۇقئورنىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.

  بارىدىغان بېكەتنى ئۆزگەرتىشرەسمىيىتىنى بېجىرىشتە ئەسلىدىكى بېلەتنىڭ پويىزى قوزغىلىشتىن 48 سائەت بۇرۇن ۋە قالدۇق بېلىتى بار نۆۋەتچى پويىزنى خالىغانچە تاللىسا بولىدۇ. ئاتچوت قىلىش ئىسپاتىنى ئالماشتۇرۇپ بولغانلارۋوگزالدىكى بەلگىلەنگەن بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە بېجىرسە بولىدۇ. 12306 تور بېكىتىدە بېلەت سېتىۋېلىپ ئاتچوت قىلىش ئىسپاتىنى ئالماشتۇرمىغانلار 12306 تور بېكىتىدە بېجىرسىمۇ بولىدۇ.

كۆپچىلىكنى مۇنداق ئەسكەرتىمىز: پويىز بېلىتىنى ئالماشتۇرۇشبىلەن بارىدىغان بېكەتنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كەسىپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر تۈرنى بېجىرگەندىن كېيىن، يەنە بىر تۈرنى بېجىرىشكە بولمايدۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى