جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان تاۋار سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

ئا. جاپاروف، ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان تاۋار سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، سودىگەرلەر جەمئىيەتلىرى، كارخانىچىلىرى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان قەدىمكى يىپەك يولىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەرۋايىت، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت ئەۋلادمۇئەۋلاد قوشنا بولۇپ، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلدى. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا رەئىس شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو (شىنجاڭ) − قىرغىزىستان تاۋار سودا تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقەررەر ھالدا ئىككى تەرەپ سودا ساھاسىدىكىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىرغىزىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئا. جاپاروف سۆزىدە يىغىنغا قاتناشقانلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ھەم قىرغىزىستاننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ تەرەققىياتى، مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ دوستانە قوشنىسى، سەمىمىي دوستى، ئىشەنچلىك ھەمراھى. قىرغىزىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ئورناتقان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي شارائىتتا داۋاملىق مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدى. بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىمەن. قىرغىزىستان غايەت زور سېلىنما يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشىدىكى كۆزنەك بولالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، سىياسەت توسۇقى ۋە چەكلىمىسىنى تۈگىتىپ، قانۇن مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سودا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلايدۇ. قىرغىزىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كەڭ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، رايونلار ئارا تۈر سېلىنمىسى ۋە كارخانا تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قىرغىزىستان دۆلەت مەبلەغ سېلىش مەھكىمىسى، ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرلىقى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئەۋزەل كەسىپلەر، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تونۇشتۇردى.

قىرغىزىستاننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، سودىگەرلەر جەمئىيىتى، كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلىرى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلار بىلەن 29 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار بولدى. ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپ - ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى، سودىگەرلەر جەمئىيىتى، كارخانا ۋەكىللىرى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، شۆ بىن، مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار سودىگەرلەر جەمئىيىتى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.