ماس تۈزەش ئارقىلىق، گۈزەل شىنجاڭدا ھەممىلا جاي يېشىللىققا پۈركەندى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشنى گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، نىشاننى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقتى.

رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە توسۇقى مۇستەھكەملەندى

2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان «شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» بارلىققا كەلدى. يىرىك پىلان تۈزۈش جەريانىدا، ئومۇمەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇ ۋادىسى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان باغلىنىش دەرىجىسى كۈچلۈك بولغان، ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان مۇھىم يىرىك پىلانلاردا، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش پىلانلاش، بىڭتۇەن قاتنىشىش، ئورتاق تۈزۈش، ئورتاق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنىڭ «بەش بىر تۇتاش» خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسىگە قارىتا، شىنجاڭ يىرىك پىلاندىكى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى مۇدىر بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى مۇئاۋىن مۇدىر بولغان شىنجاڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش كومىتېتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىگە ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىدى.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭ ئالدىدا، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نىزامى»نى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەشكە ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزدى، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، ۋۇجياچۈ رايونىنىڭ مۇھىت بويىچە ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىق بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى ھەم كۆپ تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەمنى ئورتاق ئېلان قىلىپ يولغا قويدى.

«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت بويىچە بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن بىرلىكتە مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماس كۈچ چىقىرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكىلىك قانۇن ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئۇنىۋېرسال تۈزىلىپ، قوش نەپ ئېلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى

ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا جەزمەن سىستېما تەپەككۇرىغا ئەمەل قىلىش، ماس تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئىلگىرى خېلى ئۇزاق بىر ۋاقىتقىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق، ياۋايى ھايۋانلار ياشايدىغان ماكان ۋە سۇ دائىرىسى تارىيىپ، غول ئېقىننىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 400 كىلومېتىرغا يېقىن دەريا يولىدا ئېقىن ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئىككى قىرغاقتىكى توغراقلىق كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ كەتكەنىدى. 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ۋادىدىكى ناچار ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2001 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويدى.

20 نەچچە يىل مابەينىدە، سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىپ پايدىلىنىش، دەريا يولىنى تۈزەش، تىزگىنلەش خاراكتېرلىك تۈگۈن قۇرۇلۇشى قۇرۇش، ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئۇنىۋېرسال تۈزەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا 30 يىل سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، دەريا يولىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يېشىل كارىدور قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋادىدىكى ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، توغراقلىقنى قوغداش، ئېكولوگىيەلىك جىددىي سۇ تولۇقلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداشقا دائىر باشقا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىۋاتقان ئېكولوگىيە پايدىسى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ئىلگىرى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كەنت ئاھالىلىرى يەنە قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ قايتىپ كەلدى، تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىمۇ ئۇدا كۆپ يىل دۆلىتىمىزنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلى ئەڭ يۇقىرى سۇغىرىش رايونى بولۇپ قالدى.

«سۇ كۆپەيدى، مۇھىت ياخشىلاندى، ئەمدى قويلىرىمنىڭ يەم خەشىكى تۈگەپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم. بۇ نەچچە يىلدا ھەر يىلى كىرىمىمىز ئېشىۋاتىدۇ، ئىلگىرى بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.» تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تېتىما كۆلى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق نۇر مەمەتنىڭ خۇشاللىقى چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

شىنجاڭدا دەريا ۋادىلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئارقىلىق قوش نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىنى تارىم دەرياسىلا ئەمەس، يەنە تۇدۇڭخابا دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق نۇرغۇن دەريا - ئېقىنمۇ بار. شىنجاڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكلىكى ۋە ۋادىنىڭ سىستېمىلىقلىقىنى چىقىش قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق قاتارلىق تۈرلۈك ئېكولوگىيە مۇھىم ئامىللىرىنى ماس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ مۇھىتى، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى ماس قانات يايدۇردى، كۆپلىگەن دەريا - ئېقىن راۋانلىشىپ، سۈزۈكلىشىپ، قىرغاقلىرى يېشىللىشىپ، مەنزىرىسى گۈزەللىشىپ، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتۈپ، كۆرگەنلا كىشى ياقتۇرۇپ قالىدىغان ئېكولوگىيەسى گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى، تېخىمۇ مۇھىمى ۋادا بويىدىكى رايونلارغا ياخشى بولغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئاساسى يارىتىپ بەردى.

ماس تۈزىلىپ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت قوغدالدى

«<ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە> رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئىزچىل شىنجاڭنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى بىر چوڭ قىيىن مەسىلە ئىدى، شىنجاڭ كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، <ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە> رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى تيەن فېڭ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەت بىلەن زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش بىلەن بىللە، نىشاننى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكلىكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

2022 - يىلى، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى قىيىن نۇقتىلارغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدىكى سۈمۈرۈلۈشچان دانچىلار (PM10) ۋە ئوزۇندىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى ئۇششاق دانچىلار (PM2.5) بىلەن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. قىش پەسلىدە پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىنىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە پاكىز ئېنېرگىيەنى پارچە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چوڭقۇر تۈزەش، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىش، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋارايىغا پائال تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇش جەھەتتە، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونى بىرلىككە كەلگەن ساھەلەرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى، بىرلىككە كەلگەن ئالدىن سىگنال بېرىشنى قوزغىتىش ئۆلچىمى، بىرلىككە كەلگەن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋارايىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپى، بىرلىككە كەلگەن نەتىجە - ئۈنۈمنى دەرىجىگە ئايرىش سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتتى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى تۈگىتىش، ئوزۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، دىزېلنى يېقىلغۇ قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك جەڭلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماس تۈزەش ئارقىلىق، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى تىرىشىپ كۆرۈنەرلىك ئازايتتى.

تيەن فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنى تۈزەشتىكى بىرىكمە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى مەنبەدىن تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق قوغداش، بىرلىشىپ تۈزەشتەك ياخشى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، رايونلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.