ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پاكىستان پىلان - تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ئىقبال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年08月21日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە پاكىستان پىلان - تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ئىقبال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئىقبال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى ھەم پاكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى ئىزچىل قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان جۇڭگونىڭ «جانجىگەر دوستى». رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلدى، يېقىندا جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، بىزنىڭ پاكىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، بىز ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېز تۈرتكە بولۇۋاتىمىز، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا غايەت زور پۇرسەتكە دۇچ كەلدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پاكىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاكىستان تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سودا ئوبوروت ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە ئادىمىيەت، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلاردا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يوللارنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

ئىقبال ۋە پاكىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋەكىلى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچنىڭ توقۇنۇشتا بولماستىن، بەلكى ھەمكارلىقتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. پاكىستان يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ. ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا ئۆزگىچە رول ئوينايدۇ، پاكىستاننىڭ جۇڭگوغا كىرىشىدىكى دەرۋازا. ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرلەشمە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال تۈردە قولايلىق شارائىت يارىتىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى، سودا ئالاقىسى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق تېخنىكىسى، ئالىي مائارىپ، قاتناشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمىز.

چېن ۋېيجۈن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، پاكىستان جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.